باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ

      سېغىزخان ئۇۋا ياساپتۇ. قوشنىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىپتۇ. قۇشقاچ: ‹‹ناھايىتى چىرايلىق بوپتۇ، بىراق ئوت – چۆپنى بەك قېلىن يېيىۋېتىپسىز››دەپتۇ. شاتۇتى: ‹‹ئۆيىڭىز ناھايىتى پۇختا بوپتۇ، تاش بىلەن يەنە ئازراق پۇختىلىۋەتسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ›› دەپتۇ. قاغا: ‹‹ ئۆيىڭىز ناھايىتى ئسسىق بوپتۇ، بىراق ئۆيىڭىزنى بۇ يىل مودا بولۇۋاتقان قارا رەڭدە سىرلىۋەتسىڭىز، ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ›› دەپتۇ. سېغىزخان ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ. قىش كەلگەندە، سېغىزخان ئۇۋىسىدا توڭلاپ ھېچ ياتالماپتۇ. ھەتتا سوغۇق شامال كەلگەندە كىچىك تاشلار بوشىشىپ سېغىزخاننىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپتۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، كىچىك بالىلار سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشىتىپ ئارام بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سېغىزخان ئامالسىز يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

      ھېكمەت: باشقىلارنىلا ئويلاش تۇرمۇشنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. سىز مۇستەقىل بولىشىڭىز، باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماسلىقىڭىز ئۈچۈن تەپەككۈر قىلىش بىلەن مۆلچەرلەشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك.

 

مەنبە: ئۇلىنىش تورى تەھرىر: قەلبىنۇر