باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

پىستە

 

      پىستە — دورا قىلىپ ئىشلىتىلىشى ئاساس قىلىنغان ، ھەم دورا، ھەم يېمەكلىك بولىدىغان قۇرۇق مېۋە. ئەسلىي يۇتى ئوتتۇرا شەرق، 1300 يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا كىرگۈزۈلۈپ ئۆستۈرۈلگەن. ئەسلىدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بىر قەدەر تېز راۋاجلاندى. كۆلىمى تەخمىنەن 30 نەچچە گېكتار بولۇپ، مەھسۇلات كۆلىمى تېخى شەكىللەنمىگەن. مېۋىسى بىر قەدەر كىچىك. يەككە مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 0.7–1.5 گرام، ياغ تەركىبى %57.3، ئاقسىل تەركىبى %21، قەنت تەركىبى %11، مېنرال ماددا تەركىبى %2.9، سېللولوزا تەركىبى %3.6. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كاروتىن ۋە ۋىتامىن B1 , B2 , C , D قاتارلىقلار بار. پوستى ، يۇپۇرمىقى ۋە ياغىچى تەركىبىدە %5~%12 تاننىن بار.

      پىستىنىڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، جىنسىي ئاجىزلىقنى ياخشىلاش، ھەزىم ياخشى بولماسلىق كېسەللەرگە شىپا. ئۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى بىر خىل مۇھىم دورا ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى قۇرۇق مېۋە قاتارىدا ئىستىمال قىلغاندىن باشقا يەنە پېچىنە، پىرەنىك، ماروژنا قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى خۇرۇچ قىلىشقىمۇ بولىدۇ. پىستىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بۇلۇپ، ئۇنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار، ھەمدە ئورگانىزىملارنى قۇۋۋەتلەش رولىمۇ بار. پىستە دۆلىتىمىزدىكى ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ، مىڭ يىلدىن يۇقىرى تارىخقا ئىگە.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر