باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللايمەن

ئابلىمىت سۇپىھاجى

 

      – ۋەي، شىرىپجان ئۇكام، ئاڭلىدىڭمۇ؟ بۈگۈن ئەتىگەن شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا شىنجاڭدىن مەملىكەت بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› شەرىپىگە ئېرىشكەن 23 كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە سېنىڭ ئىسمىڭمۇ بار ئىكەن. بۇ راستلا سەن شۇمۇ! ئاكىسى تۇرسۇن ئەمەتنىڭ تېلېفوندىكى ھاياجانغا تولغان ئاۋازىدىن نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىگەن شىرىپجان دەماللىققا تەمتىرەپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىلغارلىق ماتېرىيالىنىڭ يۇقىرىغا يوللانغانلىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ لېكىن ئالتە ئايدىن بۇيان بۇ توغرىلىق ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەنىدى. دېگەندەك شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى شىرىپجان ئەمەتكە مەملىكەت بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››لىق شەرىپىگە ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزدى. ئەزەلدىن ئىچ مىجەز شىرىپجان بۇ زور خۇشاللىقتىن ۋارقىراپ، سەكرەپ كەتمىدى، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەر، كەسىپداشلىرىغا تېلېفون قىلىپ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپمۇ يۇرمىدى. پەقەت 20 نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاردۇقى چىققاندەك يېنىك ‹‹ئۇھ›› تارتىپ قويدى.

چوڭ بولسام مۇئەللىم بولىمەن

      قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق يېزىسى مۇسسۇما كەنتىدىكى زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شىرىپجان بەش بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى. ئاتا – ئانىسى ۋە ئاكا – ھەدىلىرى ئۇنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ: ‹‹چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن؟›› دەپ سورىسا، شىرىپجان قىلچە ئىككىلەنمەيلا: ‹‹چوڭ بولسام مەلىم (مۇئەللىم) بولىمەن›› دەيتتى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئاچىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئەدەبىيات، ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلەردە كۆزگە كۆرۈنۈپ، سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ئۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېقىندىن ياردەم بەرگەندىن سىرت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرار قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگەچكە، ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن ‹‹بالا مۇئەللىم›› دەپ ئاتالدى.

      ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىشىغا تۈرتكە بولغان يەنە بىر ئىشنى ئەسلەپ بەردى: ‹‹1979 – يىلى 11 – ئايدا كونىشەھەر ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىم ئىدى. بىر شەنبە كۈنى مەكتەپ بىزنىڭ سىنىپقا ئوتۇن يېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇ كۈنى توپا – تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ ناھايىتى جۇت بولۇپ كەتتى، بەش مېتىر يىراقلىقتىكى ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى. سىنىپ مەسئۇلىمىز مىجىت تۇرسۇن مۇئەللىم ۋېلىسىپىت بىلەن 25 كىلومېتىر يول يۈرۈپ قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسى شامپاششا كەنتىدىن مەكتەپكە كەلدى. مەكتەپ مۇدىرىمىز مۇئەللىمنىڭ سوغۇق ۋە توپىدا تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلىنىپ ئوتۇن يېرىش ۋەزىپىمىزنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى. لېكىن، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ جاسارىتىدىن تېخىمۇ روھلىنىپ ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق. شۇ چاغدا سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ جاپادىن قورقماي شۇنچە يىراقتىن ۋېلىسىپىت بىلەن كەلگەنلىكى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئىشتىياق باغلىدىم. كەلگۈسىدە مىجىت مۇئەللىمگە ئوخشاش ئۆز كەسپىگە سادىق ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچەيدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىگە پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىلا تولدۇردۇم. ئارزۇيۇمدىكىدەك 1981 – يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم››.

 

كىتابقا تامغان بىر تامچە قان

      1985 – يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن شىرىپجان قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. ئۇ كادىرلار ئىدارىسىنىڭ تەقسىمات قەغىزىنى ئېلىپ، ئون نەچچە كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ بۇ مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلدى. مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئۈستبېشىنى توپا بېسىپ كەتكەن، ۋىجىككىنە شىرىپجانغا قاراپ:

      — مەكتەپتە قانداقراق ئوقۇغان، بىرەر دەرس تەقسىم قىلساق ھۆددىسىدىن چىقالامسىز؟ — دەپ سورىدى. نۇرغۇن ئارزۇ – ئۈمىد بىلەن كەلگەن شىرىپجان تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي قالدى. شۇ پەيتتە ئۇ دادىسىنىڭ ‹‹ھەرقانداق قىيىن ئىشقا يولۇقسىڭىزمۇ ھەرگىز باش تارتماڭ›› دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى – دە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان قىيىنچىلىقلارغا ئىدىيەسىدە تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.

      مەكتەپ ئۇنىڭغا بوتانىكا دەرسىنى تەقسىم قىلدى. بۇ دەرس ئۇنىڭغا يات ئىدى. ئۇ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقان سىنىپ مەسئۇلىدىن مەسلىھەت سورىدى. سىنىپ مەسئۇلى مەكتەپ قىرائەتخانىسىدىن بوتانىكا كىتاب ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى ۋە: ‹‹ئەمدى ئوقۇتقۇچى بولدىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ نېمىنى ئورۇنلاشتۇرسا شۇنى قىلىشىڭىز كېرەك. بوتانىكا دەرسى سىز ئۆگەنگەن بىيولوگىيە دەرسىنىڭ تەركىبىي قىسمى، قىزىقارلىق ئىلىم، سىز ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان، بۇ دەرسنى چوقۇم ياخشى ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن›› دېدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ كىتابنى كېچە – كۈندۈز يېنىدىن ئايرىمىدى. بۇ كىتابنى تولا كۆرۈپ كونىراپ كەتكەندە يەنە بىرنى تېپىپ يېڭىسىنى سىنىپتا، كونىسىنى ئۆيدە قويۇپ قېتىرقىنىپ تەكرار قىلدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا كىتابنى ئاسراشتا ئۈلگە بولدى. بىر قېتىم ئۆيدە تەكرار قىلىۋاتقاندا بەكلا چارچاپ كەتكەنلىكتىن بۇرنى تۇيۇقسىز قاناپ كېتىپ بىر تامچە قان كىتابقا ئېقىپ كەتتى. ئۇ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كىتاب ئىشكاپىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان بوتانىكا كىتابىنى كۆرسىتىپ: ‹‹بۇ ئوقۇتقۇچىلىق يولىغا ئالغان تۇنجى قەدىمىمنىڭ يالدامىسى. ھەر قېتىم بالىلىرىم ئوقۇشتىن ۋايسىغاندا بۇ كىتابتىكى بىر تامچە قاننى كۆرسىتىپ ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىمەن›› دېدى.

      شىرىپجان ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرس مەزمۇنىنى قايتا – قايتا ئوقۇپ پىششىق ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتتى. ھەربىر مەزمۇننى سۆزلىگەندە ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەت دەرسىگە تەشكىللەپ، تەبىئەتتىكى گۈل – گىياھ، دەل – دەرەخ، ئوت – چۆپ، زىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش، ئۆسۈش، پەرۋىش قىلىنىش ئەھۋاللىرى، تەبىئەت ۋە ئىنسانلارغا پايدىلىق تەرىپىنى سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوتانىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇردى. مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ئوچۇق دەرسىنى ئاڭلاپ، ياپياش بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش، جەلپ قىلىش جەھەتتىكى ماھارىتى، نۇتۇق سەنئىتى، تىل قابىلىيىتى، يۇمۇرىستىك ئۇسلوبىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.

      مەكتەپ 1986 – يىلى شىرىپجاننى تولۇقسىز 1 – يىللىق سىنىپنىڭ مەسئۇلى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە ئوقۇغان كەسپى فىزىكا دەرسىنى تەقسىم قىلدى. ئۇ مەيلى فىزىكا دەرسى بولسۇن ياكى كېيىن ئۆتكەن ماتېماتىكا، بوتانىكا، خەنزۇ تىلى، ئىدىيە – ئەخلاق دەرسلىرى بولسۇن ھەممىسىدىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆتكەن دەرسلەرنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتى 95 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ سىنىپىمۇ ھەر يىلى مەكتەپتە ‹‹قىزىلبايراقدار سىنىپ›› بولۇپ باھالاندى. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۇ شۇ يىلى شەھەر بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى. تاللاشقا توغرا كەلسە يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللايمەن.

      1991 – يىلى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى شىرىپجان ئەمەتنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەھەرنىڭ نۇقتىلىق مەكتەپلىرىدىن بىرى بولغان شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىدى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇ سەھرالىق مۇئەللىمنىڭ ئىقتىدارىغا گۇمان بىلەن قارىدى. بەزىلەر ‹‹يېڭى كەلداخۇن››نى نەزەرگە ئىلىپمۇ قويمىدى. لېكىن، شىرىپجان ھەرقانداق مۇئامىلە، ئاپقاچتى گەپلەرگە سۈكۈت بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇ نۇقتىلىق مەكتەپتە تېخىمۇ تىرىشمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىگە تەقسىملەنگەن ھەپتىسىگە 18 سائەت فىزىكا دەرسىنى ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ ئۆتتى. ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ‹‹مەن دەرسكە كېچىكسەم سىلەرمۇ كېچىكسەڭلار بولىدۇ، مەن كېچىكمىسەم سىلەرنىڭمۇ كېچىكىشىڭلەرگە بولمايدۇ›› دېيىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم، ۋاقىت كۆزقارىشىنى ياخشىلىدى. ‹‹تاپشۇرۇق ئىشلىمىگىنىڭلار سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلار، تاپشۇرۇقنى توغرا ئىشلىيەلمىگىنىڭلار مېنىڭ خاتالىقىم، ئەگەر تاپشۇرۇقنى مەن ۋاقتىدا تەكشۈرمىسەم سىلەر تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ›› دېيىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغان، كۆچۈرمىچىلىك قىلىدىغان قىلمىشلارنى تۈگەتتى. ھەر سائەتلىك دەرس باشلىنىشتىن ئاۋال ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ۋە بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىپ بەرگەندىن كېيىن يوقلىما قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. تاپشۇرۇقنى كۆچۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىد قىلماي دوسكىغا چىقىرىپ سىناق ئېلىش شەكلى ئارقىلىق ئۇلارغا كۆچۈرمىچىلىكنىڭ زىيىنىنى تونۇتۇپ توغرا يولغا يېتەكلىدى. دەرس ئۆتۈش شەكلى جەھەتتە نەزەرىيە سۆزلەشنى ئەمەلىي، جانلىق مىساللارنى نەقىل كەلتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ياكى جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ھەرىكەتلەرنى دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈش، تەجرىبە كۆرسىتىش قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىپ، دەرسنىڭ يۇمۇرىستىك تۈسى، قىزىقارلىقلىقى، جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ھەربىر دەرستە يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا چىقىرىلغان سوئاللارنى مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا فىزىكا دەرسى ئوڭاي ئىكەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىمۇ ئۇنچە قىيىن ئەمەس ئىكەن دېگەن تۇيغۇنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزدى.

      20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان شىرىپجاننىڭ سىنىپى ئىزچىل مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى، ئۇ ئۆزىمۇ 16 قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى›› بولۇپ باھالاندى. ئۇ ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم قەشقەر شەھىرى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ئىككى قېتىم ‹‹قەشقەر شەھىرىنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس›› بولۇپ تەقدىرلەندى، 2006 – يىلى 11 – ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ‹‹قىزىكا ئوقۇتۇش ماھىرى›› بولۇپ باھالاندى. 2007 – يىلى 2 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە دەرسخانا ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە 1 – دەرىجىگە، ئۇنىڭ ‹‹ئېلېكتىرلىك ئوقۇتۇشنىڭ دەرسخانىدىكى رولى›› ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 2 – دەرىجىگە، شۇ يىلى 9 – ئايدا مەملىكەت بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 2008 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

      قەشقەر شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى مۇختەر مۇھەممەترېھىم مۇنداق دېدى: ‹‹شىرىپجاننىڭ كەسىپچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇ مەكتىپىمىزگە كەلگەندىن بۇيان مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كەسىپلەر بويىچە ئۆزئارا رىقابەتلىشىپ ئىشلەيدىغان، ئوقۇتۇش مېتوتىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. ئۇ ئادەتتە كەم سۆز، لېكىن خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، ھەربىر ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي››.

     سۈرەتتە: شىرىپجان ئەمەت (ئوتتۇرىدا) ئوقۇغۇچىلارغا فىزىكىدىن تەجرىبە مەشغۇلاتى كۆرسەتمەكتە.

 

       مەن شىرىپجان ئەمەتتىن ئۇنىڭ ئالدىدا يېڭىچە تاللاش يولى بولسا قايسى يولنى تاللايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ تەمكىنلىك بىلەن: ‹‹ئەگەر مېنىڭ يەنە 100 قېتىم تاللاش پۇرسىتىم بولسىمۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللايمەن. توغرا، ھازىر ئوقۇتقۇچى بولماق تولىمۇ جاپالىق، خىزمەت بېسىمىمۇ ئېغىر، شۇڭا بىرقىسىم خىزمەتداشلىرىمىز ئالىي مەكتەپتە پېداگوگىكا كەسپىدە ئوقۇپ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن جاپاغا چىدىماي كەسىپ ئالماشتۇردى. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە مىللىي مائارىپىمىزغا، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلمەيمىز. شۇڭا، مەن ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلسام دېگەن ئارزۇدىمەن›› دېدى. ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقاندا ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مائارىپ ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز قان – تەر سىڭدۈرۈۋاتقان بىر تۆھپىكارنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر