باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ۋەتەن مۇھەببىتى

ئابلىمىت قۇربان ساباھى

 

مېھرى ئىللىق، كۆكسى كەڭ،

ئانىجانىم ۋەتىنىم.

ھاياتىمنىڭ مەنبىئى،

جانىجانىم ۋەتىنىم.

 

باقسام گۈزەل ھۆسنۈڭگە،

جەننەتنىڭ دەل ئۆزى سەن.

بولسا دۇنيا زەر ئۈزۈك،

گۆھەر، ياقۇت كۆزى سەن.

 

ئاق سۈت بەرسە جان ئانام،

بەردىڭ زەمزەم، ساپ ھاۋا.

ئەللەيلىدىڭ بۆشۈكتە،

ئەمدىم سەندىن نۇر – زىيا.

 

ئەركىلىتىپ، ئوينىتىپ،

باغلىرىڭدا يايراتتىڭ.

قۇچىقىدا بەختنىڭ

بۇلبۇل قىلىپ سايراتتىڭ.

 

يۇمران تېنىم تاپتى كۈچ،

سەرخىل نېمەتلىرىڭدىن.

 قاناتلاندىم قۇش كەبى،

 پەرۋىش، ھىممەتلىرىڭدىن.

 

ھەر گىياھىڭ مەن ئۈچۈن

بىباھا زەر كۆرۈنەر.

چىمدىم توپاڭ، تۇپرىقىڭ

تۇتىيادەك بىلىنەر.

 

تەرىپلىسەم تىل يەتمەس،

ۋەتەن سېنىڭ شەنىڭگە.

ساڭا يۈكسەك مۇھەببەت،

ئۆچمەس مەڭگۈ قەلبىمدە.

 

(ئاپتور ‹‹قەشقەر گېزىتى›› ئىدارىسىدا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر