باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئۆمۈرلۈك سىرداش

خاسىيەت جاپپار

      يىراقتا قالغان بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەشنىڭ ئۆزى بىر ھۇزۇر. بالىلىق چاغلىرىمدا دادام تولىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى››، ‹‹مىڭبىر كېچە›› ھېكايىلىرى ئارقىلىق ئەدەبىيات ئوتىنى يۈرىكىمگە ياققانىكەن. ‹‹ئۇچار گىلەم››، ‹‹ياغاچ ئات››لارغا چىقىپ ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر››لارغا ھەمدەم بولۇپ ‹‹مەختۇمسۇلا››نى ئىزدەپ باغداد، قاھىرە، دەمەشىق كوچىلىرىدا خىيالىي سەيلە قىلىپ يۈرۈپ مەكتەپ يېشىغا توشۇپ قالدىم.

      1 – يىللىقتا ‹‹ئا، ئە...››لەرنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتتۈم. ئەمدى ساۋاتىم چىققان ۋاقىتلار ئىدى. بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز چىرايلىق رەسىملەر سىزىلغان بىر گېزىتنى كۆتۈرۈپ كىردى ۋە ساۋاقداشلار، بۇ گېزىت دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىدىغان ›شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى‹ گېزىتى. بۇ گېزىتكە دىيارىمىزدىكى ئۆسمۈر – بالىلار ھەققىدە خەۋەر، ئۇچۇرلار، داڭلىق يازغۇچىلار، شۇنداقلا سىلەردەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بېسىلىدۇ. مۇشتەرى بولىدىغانلار بارمۇ؟›› دېدى. بىرقانچىمىز قول كۆتۈرۈپ تىزىملاتتۇق. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىنىڭ ئوقۇرمىنىگە ئايلاندىم. بۇ 1996 – يىلى ئىدى.

      ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى ئۇچقاندەك ئۆتۈۋاتقان ۋاقىت ئېقىنلىرى قوينىدا ماڭا ھەمراھ بولۇپ بالىلىق تۇيغۇلىرىمغا قانات سىزدى. مەن ئۇ ئارقىلىق توختاش بەكرى، تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىن، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن قاتارلىق بالىلار ئەدەبىياتى پېشۋالىرىنى تونۇغان بولسام، ئابلىكىم ھەسەن ئاكىنىڭ ھېكايە – چۆچەكلىرى، ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكىنىڭ بالىلار قوشاقلىرى، جاسارەت جاپپار، زامانىدىن پاكزاتلارنىڭ تاتلىق شېئىرلىرى ئارقىلىق بالىلىق خىياللىرىمنىڭ ئەكس ساداسىنى ئىزدىدىم.

      مەن ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىنىڭ قوينىدا تالاي تىرىشچان باغۋەنلەرنىڭ يېتەكلىشىگە، ئىلھام – مەدەتلىرىگە ئېرىشتىم. مەن گېزىتكە دوست بولۇپ، گېزىت ماڭا سىرداش بولۇپ يۈرۈپ 2001 – يىلى تۇنجى ئەسىرىم ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى مېنىڭ ئىجادىيىتىم ئۈچۈن سەينا، بالىلىق تەسەۋۋۇرلىرىمنىڭ پەرۋازى ئۈچۈن بىپايان ساما بولدى.

      مەن ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىنى سىرداش دېيەلەيمەن. چۈنكى، ئۇ ماڭا نۇرغۇن دىلكەشلەرنى تونۇشتۇردى.

      2006 – يىلى باھاردا مەن بارچۇقنىڭ سېھىرلىك قۇچىقىدا بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالدىم. خەتتىكى ئىسىم ماڭا تولىمۇ تونۇشلۇق ئىدى. بۇ ئىسىمنى مەن گېزىت بەتلىرىدىن كۆرۈپ تۇراتتىم. مانا ئەمدى ئاشۇ قەلەم ئىگىسى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ 1230 كىلومېتىر ئارىلىقنى قىسقارتىپ ماكان، ياش چەكلىمىمىزدىن ھالقىپ ‹‹دوست بولايلى خالىسىڭىز، مۇڭداشقىلى مەن كەلدىم...›› دەپ توۋلاۋاتاتتى. ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدىن ئەسىرىمنى كۆرۈپ ماڭا دوست بولۇش ئىستىكىدە خەت يازغان بۇ قەلەم ئىگىسى ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىنىڭ ئۆسمۈر مۇخبىرلىرىنىڭ بىرى، ئىجتىھاتلىق كىچىك ئاپتور ئالىيە كېۋىر ئىدى. سالامغا جاۋاب قايتۇرۇلدى. خەت ئارقىلىق باشلانغان بۇ دوستلۇق كېيىنكى كۈنلەردە تالاي شېرىن سۆھبەتلەرگە، دىدار پۇرسەتلەرگە نائىل بولدى. ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى دوستلۇقىمىزنىڭ خالىس ئەلچىسىگە ئايلاندى. شۇ يىلى بىز كۆرۈشمەي سىردىشىپ، تونۇشماي ئىزدىشىپ يۈرۈپ بىزنى تونۇشتۇرغان بۇ سىرداشنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 50 يىلىنى كۈتۈۋالدۇق ۋە شانلىق 50 يىلغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

      2007 – يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كېلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى باشلىدىم ۋە بۇ گېزىتنىڭ پەرۋىشكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈم، سىرداشتىم. مەن كۆرۈپ قانمايدىغان ئاشۇ رەڭدار بەتلەرنىڭ قانچىلىغان ئىجتىھات ئىگىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، مېھىرلىك سۆيگۈسىدىن، بەرىكەتلىك ئەجرىدىن بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.

      مەن مىننەتدار بولماي تۇرالمايمەن. چۈنكى، ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى مېنىڭ تۇنجى قەدىمىمگە، كېيىنكى تالاي قەدەملىرىمگە پايانداز سالدى.

      مەن سۆيۈنمەي تۇرالمايمەن. چۈنكى، ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدىن ئىبارەت بۇ بەرىكەتلىك داستىخان مېنى كۆيۈمچان پەرۋىشكارلارنىڭ يېتەكلىشىگە، يەنە ئەدىبلەرنىڭ سىردىشى، بالىلارنىڭ يېقىن دوستى، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر بوۋىنىڭ تېپىشماق سۆھبەتلىرىگە، بىزنى ئېتىراپ قىلىشىغا، بەرىكەتلىك مەدەتلىرىگە نائىل قىلدى.

      ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئاخىرلىشىپ جەمئىيەتكە، يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا قەدەم قويۇپ تۇرۇشۇمغا يەنە بىر قۇتلۇق خەۋەرنى كۈتۈۋالدىم. تونۇشقىلى 15 يىل بولغان بۇ سىرداش 3000 – سانىنى كۈتۈۋالغانىدى. 2006 – يىلى ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا شۇنداق قۇتلۇق دەقىقىنىڭ شاھىتىگە ئايلانغانلىقىدىن ئىپتىخارلانغان بولسام، مانا بۈگۈن 3000 – سانىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا بۇ قىممەتلىك خاتىرىنىڭ ئىشتىراكچىسىغا ئايلانغانلىقىمدىن سۆيۈندۈم.

      3000 ساننىڭ ئوڭۇشلۇق نەشردىن چىقىشىنىڭ ئۆزى بىر تارىخ. مانا بۇ 3000 سان تالاي تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىرلەرنىڭ قان – تەرىنىڭ، ئەۋلاد ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكلەرنىڭ ھارارەتلىك يالقۇنى. مانا بۇ 3000 سانى مۇشۇ يېگانە چىنارنىڭ بەرىكەتلىك سايىسىدا سايىدىغان، چوڭ بولغان نەچچە دەۋر كىشىلىرىنىڭ تاتلىق ئەسلىمىلىرىنىڭ شاھىتى؛ مانا بۇ 3000 سان قانچىلىغان قەلەمكەشلەرنىڭ قەلىمىنىڭ پىشىپ – يېتىلىش جەريانىدىكى مەشىق مەيدانى، بەيگە سەيناسى، تەلەپچان ئۇستازى؛ بۇ 3000 سان نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ سىرداش دوستى، جاھاننەماسى، شېرىن بالىلىق تۇيغۇلارنىڭ سۈزۈك ئەكس ساداسى.

      3000 – قەدەمنى مەردانە ئالغان بۇ ئۆمۈرلۈك سىرداش تالايلىغان بالىلارنى بالىلىقتىن ياشلىققا، ياشلىقتىن قىران، قىراۋ مەزگىللەرگە ئۇزىتىپ قويدى. لېكىن، ئۆزى يەنىلا بىر بالا، شېرىن بالىلىق خىياللىرىغا تولغان بالا ھالىتىدە تۇردى. چۈنكى، ئۇنىڭ بەتلىرى بالىلارنىڭ قەلبىگە تۇتاش، بالىلىق تۇيغۇلار ئۇنىڭ بەتلىرىدە پەرۋاز قىلغان...

      بالىلىقتىن خوشلاشقان بولساممۇ بۇ سۆيۈملۈك سىرداش ئارقىلىق بالىلىق تۇيغۇلىرىمنى، بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنى ئەسلەشنىڭ ئۆزى بىر لەززەت. بۇ سىرداشنىڭ بەتلىرى ئارقىلىق بالىلىق دۇنياسىغا قاراشنىڭ ئۆزى بىر ھۇزۇر. بەش يىل بۇرۇن 50 يىللىق تەنتەنە ئۈچۈن شۇنداق توۋلىغانىدىم، بۇ سادانى يەنە توۋلىغۇم بار، بىر ئۆمۈر توۋلىغۇم بار!

بېتىڭدىن قەلبگە يول باردۇر تۇتاش،

بەتلىرىڭ قەلبىمگە ئۆمۈرلۈك سىرداش.

كەتسىمۇ بالىلىق گەر مېنى تاشلاپ،

ۋە لېكىن يەنىلا سەن ماڭا مۇڭداش

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر