باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئۈلگىلىك پىيونېر ئىلىزار ئىلھام

      بورتالا شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ئىلىزار ئىلھام ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان ئۈلگىلىك پىيونېرلارنىڭ بىرى. ئىلىزار مەكتەپ بويىچە ھەر يىلى ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى›› بولۇشنى قولدىن بەرمىدى، دەرستە ئارقىدا قالغان ساۋاقداشلىرىغا تەكرار قىلىپ بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ‹‹كىچىك مۇئەللىم›› دەپ تەرىپلەندى. ئۇ يەنە مەكتەپنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن پۇتبول كوماندىسى ۋە ساما ئەترىتى تەشكىللەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

سۈرەتتە: ئىلىزار (ئوڭدا) ساۋاقدىشى بىلەن دەرس تەكرار قىلماقتا

رازىيە رېشىت (مۇخبىرىمىز) فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر