باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

كەپسىز دېمەڭ بالىلارنى

ئەمەتجان قۇربان(ئۇرغۇ)

 

كەپسىز دېمەڭ بالىلارنى سىز،

كەپسىز ئەمەس شوخ، جۇشقۇن ئۇلار.

ئەپسىز دېمەڭ بالىلارنى سىز،

كېلەچەكتە نۇر – يالقۇن ئۇلار.

 

نادان دېمەڭ ئۆتسە سەۋەنلىك،

بار ئۇلاردا ئەقىل بۇلىقى.

تادان دېمەڭ قۇۋلۇق قىلسا گەر،

گەپ ئاڭلايدۇ ئىككى قۇلىقى.

 

دىققەت قىلىڭ ھەربىر سۆزىگە،

سۆزلىرىدە مەنە، ھېكمەت بار.

قاراپ بېقىڭ ئوتلۇق كۆزىگە،

كۆزلىرىدە مېھىر – شەپقەت بار.

 

سوئال سوراپ قالسا بالىلار،

ئاچچىقلىنىپ ھەرگىز تېرىكمەڭ.

كەلمىسە گەر كەچتە ئۇيقۇسى،

چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭ، زېرىكمەڭ.

 

ئارزۇلىرى يۇلتۇزدەك تولا،

غايىلىرى تاغدىنمۇ يۈكسەك.

بوپ قالىمىز ئىززەت قىلمىغان،

مەسخىرە قىپ ئۇلارنى كۈلسەك.

 

چېچەن بولسا بالىلار شۇنداق،

سۈزۈك بولار ئەقىل – ئىدرىكى.

بەڭۋاشلىقى تۇرسىمۇ چاپچىپ،

كېلەچەككە خاستۇر يۈرىكى.

 

(ئاپتور مارالبېشى ناھىيەسى تۇمشۇق بازارلىق 3 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر