باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

مەن بەختلىك بالا

قەدىرىيە ئالىم

      سۆيۈملۈك ئانا ۋەتەن، سەن بولغاچقا مەن ئىنتايىن بەختلىك. چۈنكى، مەن باغرىڭدا خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلدىم. بىلىم ئالدىم، ئەقىل – پاراسەتكە تولدۇم.

      ھەر قېتىم بوينۇمغا قىپقىزىل گالىستۇك تاقىغاندا، شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىمنى تاپشۇرۇۋالغاندا چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىمەن، ساڭا ھەسسىلەپ رەھمەت ئېيتىقۇم كېلىدۇ. چۈنكى، مەن سەن ئاتا قىلغان بەختلىك زاماندا، سەن ئاتا قىلغان مەرىپەت بۆشۈكىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ نەتىجە ۋە شەرەپلەرگە نائىل بولالىدىم ئەمەسمۇ؟

      بۈگۈن دۈشەنبە. بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ھەيۋەتلىك دۆلەت مارشىغا ئەگىشىپ ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلگەندە ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە بىزنى بەخت ۋە ئازاد زامانغا ئېرىشتۈرگەن ئىنقىلابىي قۇربان تاغا – ھەدىلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇلارغا شۇنداق خىتاب قىلغۇم كەلدى: ‹‹قەھرىمان تاغا – ھەدىلەر، سىلەر ۋەتەن ئانىنى ئىسسىق قېنىڭلار بىلەن قوغدىدىڭلار، ۋەتەن ئانا بىزنى پەپىلەپ ئۆستۈردى. شۇڭا، مەن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن. تىرىشىپ ئۆگىنىپ سىلەرگە جاۋاب قايتۇرىمەن››. مەن لەپىلدەۋاتقان قىزىل بايراققا قاراپ سالام بەردىم.

(ئاپتور كۇچا ناھىيەسى ياقا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 7 – يىللىق 7 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر