باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

بۇنداق دوسلۇق كىمدە بار

      ئاتىسى ئوغلىدىن: ‹‹بالام، سېنىڭ قانچە دوستۇڭ بار؟›› دەپ سوراپتۇ.

      – ناھايىتى كۆپ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلى.

      – ئۇنداق بولسا سەن مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئۇچاڭدىكى كىيىمنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىنى يىرتىپ، ئاندىن بېرىپ شۇ دوستلىرىنىڭنى ئىزدەپ، ئۇلارغا ‹‹مەن ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم›› دېگىن ۋە ئۇلارنىڭ ساڭا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراپ باققىن.

     دەرۋەقە ئوغلى ئاتىسىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ ۋە ئۆزى بىلەن ئەڭ ياخشى ئۆتىدىغان دوستىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ.

      – ساڭا نېمە بولدى؟ كۆڭلىكىڭ قان بولۇپ كېتىپتىغۇ؟

      – مەن ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم، پۇل بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن؟

      – يېقىندىن بۇيان قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى، بولمىسا سەن باشقا دوستلىرىڭدىن سوراپ باققىن ...

      ئۇ بۇ ئاغىنىسىنىڭ يېنىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا قايتىپ چىقىپتۇ ۋە 2 – دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئىشىكنى چېكىپتۇ.

      – كىم؟

      – مەن.

      – بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟

      – مەن ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم، ماڭا پۇل بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن؟

      ئۇنىڭ بۇ دوستىمۇ ئالدىنقى دوستىغا ئوخشاشلا جاۋاب بېرىپ، ھەتتا ئىشىكنىمۇ ئېچىپ بەرمەي ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.

      ئو ئوخشاشلا ئىزدىگەن بارلىق دوستلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپتۇ.

      روھى چۈشكەن ھالەتتە ئۆيىگە قايتقان ئوغۇل، ئىشنىڭ جەريانىنى ئاتىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ.

      – بالام، سەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بېرىپ مېنىڭ ئىككى دوستۇمنى ئىزدىگىن.

      ئۇ ناھايىتى تېزلا ئاتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئاتىسىنىڭ بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىنى تېپىپتۇ.

      – بالام، ساڭا نېمە بولدى؟

      – تاغا، مەن ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم.

      – ئۇ تاغىسىدىن پۇل سوراپ بولغۇچە، ئاتىسىنىڭ دوستى ئۇنىڭغا بىر ۋاراق پۇل چېكىنى تۇتقۇزۇپ، دەرھال ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ۋە يارىلانغۇچىنى داۋالاتقۇزۇشنى تاپىلاپتۇ.

      ئۇغۇل شۇ ھامان ئاتىسىنىڭ ئاغىنىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ.

      ئۇ ئاتىسىنىڭ گېپى بويىچە ئاتىسىنىڭ يەنە بىر ئاغىنىسىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ.

      ئۇ تېخى گەپ باشلىماي تۇرۇپلا ئاتىسىنىڭ ئاغىنىسى ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئۇنى تارتقىنىچە ئۆيىگە ئەكىرىپ:

      – بالام، ساڭا نېمە بولدى؟

      – تېزدىن كىيىملىرىڭنى يۆتكىۋەتكىن!

      – كىيىملىرىمنى يۆتكەپ نېمە قىلىمەن؟

      – مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ يېشى سېنىڭ يېشىڭ بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، سېنىڭ كىيىملىرىڭنى ئوغلۇمغا كىيدۈرۈپ قويايلى، مەن ساقچىغا ھازىرلا تېلېفون بېرەي، ئوغلۇم سېنىڭ جىنايىتىڭنى ئۆز ئۈستىگە ئالسۇن، سەن بۇ يەردە بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇۋالغىن.

      ئوغۇل بۇ ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە بىردەمدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ دوستىغا بۇ ئىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپتۇ.

      ئۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن پۇشايمان قىلغان ھالدا ئاتىسىغا بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ قالايمىقان دوست تۇتۇپ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر