باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

دەرەخ سايىسى

      ئۇستاز بىلەن شاگىرتلىرى ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نەچچە يۈز ياغاچچىنىڭ چوڭ بىر ساراي سېلىش ئۈچۈن ياغاچ كېسىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئورمانلىقتىكى ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ پەقەت بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنى نېمىشقا ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ پەقەت مۇشۇ بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ياغاچچىلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.

      – نېمىشقا بۇ دەرەخنى كەسمىدىڭلار؟ – دەپ سوراپتۇ شاگىرتلاردىن بىرى ياغاچچىلاردىن.

      – بۇ دەرەخنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى بۇ دەرەخنى ھېچنېمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بۇ دەرەخنىڭ شېخىنىڭ ھەممىسىگە مۈنەك بار، بىرمۇ تۈز شېخى يوق، شۇڭا بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگەندە چىققان ئىس زەھەرلىك، بۇ دەرەخنىڭ قەتئىيلا كېرىكى يوق، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بىر ياغاچچى.

      شاگىرتلار قايتىدىن بېرىپ ئۇستازىغا بۇ دەرەخنىڭ كېسىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە: ‹‹سىلەر دەل مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بولۇڭلار، ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىمىز دەيدىكەنسىلەر، چوقۇم مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بولۇشۇڭلا كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا باشقىلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر بۇ دەرەخ شېخى تۈز بولغان بولسا، ئاللىبۇرۇن كېسىۋېتىلىپ ئۆي جاھازلىرى ياسىلىپ بولغان بولاتتى، پەقەت مۇشۇ دەرەخ شېخىغا ئوخشاش قەتئىيلا كېرەكسىز بولغاندىلا، ھېچقانداق زەخىمگە ئۇچرىمايدۇ››.

      شاگىرتلار ئۇستازىنىڭ گېپىدىن ئەجەپلىنىپ: ‹‹ئۇنداقتا بىز جەمئىيەتكە تۆھپە قوشمىغان بولمامدۇق؟›› دەپ سوراپتۇ.

      – ‹‹ تۆھپە قوشۇشتا پەقەت تەسەۋۋۇرغا تايانسىلا بولمايدۇ؟ ئەگەر بۇ دەرەخ ناھايىتى ئېگىز، چوڭ ئۆسسە نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا سايىدالايدۇ ئەمەسمۇ؟››.

      كېيىن بۇ دەرەخ بارغانسېرى چوڭلاپتۇ، بۈك – باراقسان ئۆسۈپ، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا سايىداپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر