باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

بېربا بىلەن پادىشاھ

       بىر كۈنى ھىندىستاندىكى موغۇل خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئەكبەر (1542– 1605) قەغەزگە بىر سىزىق سىزىپتۇ – دە، ئاندىن بېرباغا قاراپ:

      – بۇ سىزىقنى ئۈزۈپ قويساق بولمايدۇ، ئەمما بۇنى قىسقارتىشىڭ كېرەك، قېنى ئەمىسە، باشلا، – دەپتۇ.

      بېربا دەرھال ھېلىقى سىزىقنىڭ ئاستىغا ئۇزۇن بىر سىزىق سىزىپ:

      شاھ ئالىيلىرى سىزىقىڭىز بۇ سىزىققا قارىغاندا قىسقاردى، – دەپتۇ.

      ئەكبەر بۇنى كۆرۈپ گەپ قىلالماي قاپتۇ.

      بىردەمدىن كېيىن، پادىشاھ ئەكبەر بېربادىن سوراپتۇ:

      – ئېيتىپ باققىنا، دۇنيادا ھەممىدىن كىم چوڭ؟

      – مېنىڭچە، ھەممىدىن كىچىك بالا چوڭ، – دەپتۇ دەرھال جاۋاب بېرىپتۇ بېربا.

      ئەكبەر بۇ جاۋابقا رازى بولماپتۇ – دە، بېرباغا ئاساس تېپىش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىپتۇ. بېربا بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپرەك مۆھلەت بېرىشىنى تەلەپ قىپتىكەن، پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ.

      بىر كۈنى بېربا سىرتقا چىقىپ، بىر دوستىنىڭ بىر ياش ئەتراپىدىكى بالىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ، بالا شۇنداق چىرايلىق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىمدىن ھېيىقمايدىكەن. بېربا بۇ بالىنى كۆتۈرۈپ ئوردىغا كىرىپتۇ، پادىشاھ ئەكبەر بالىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بوپتۇ، ئۇنى قولىغا ئېلىپ باغرىغا بېسىپتۇ، بالا پادىشاھنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ساقاللىرىنى تارتقىلى تۇرۇپتۇ، پادىشاھ ئاغرىققا چىدىماي بېرباغا:

      – سەن بۇ كەپسىز بالىنى نەدىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ – دەپتۇ.

      – دۇنيادىكى ئورنىڭىز ھەممە ئادەمنىڭكىدىن چوڭ بولسىمۇ، – دەپتۇ بېربا، – سىزگە شۇنى دەپ قويايكى، ھازىر بۇ بالا سىزدىن چوڭ، ئۇنداق بولمىسا، ساقىلىڭىزنى تارتىپ ئوينىيالايتتىمۇ؟ باشقىلار نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

      پادىشاھ بېربانىڭ جاۋابىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قاپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر