باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

كۆك ئاسمان ئاستىدىكى ئارزۇ

لى جۈنيى

      ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز پىيونېرلار بىر ئالاھىدە كوللېكتىپ، ئۇلار ئاجىز بولغاچقا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ كەمچىل، يۆلىنىش كۆپرەك؛ جاسارەت كەمچىل، سەل قاراش كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىز ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىگە تايىنىپ، ‹‹كۆك ئاسمان ئاستىدا ھەر كۈنى ساغلام ياشايلى››نى تېما، مۇستەقىل، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ‹‹ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق.

      قۇياش نۇرىدىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىپ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بىز ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارنى باشلاپ ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ساغلام بالىلار بىلەن يېنىڭ ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىق ۋە بەختلىك ئىكەنلىكىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز پىيونېرلارنىڭ غۇرۇرىنى ئاشۇردۇق.

      قەلب بىلەن قولنى بىرلەشتۈرۈپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بىز مەكتەپتە ‹‹خۇشاللىق ئارىلى››، ‹‹ئاقىللار ئۆيى››، ‹‹نامايان قىلىش سەھنىسى›› قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان سەھنىلەر ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان، ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردۇق. پائالىيەت ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلار مۇۋەپپەقىيەتنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشتى.

      جەمئىيەتكە سىڭىپ، ئىللىقلىق بىلەن بىللە مېڭىش. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارغا كۆيۈندى، ئەترەت تەشكىلىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىنى قاندۇردى. مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى ‹‹قۇياش پەرىشتىسى ھەرىكەت›› پائالىيىتىدە ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز پىيونېرلارنى خەير – ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىش ئارقىلىق تاپقان پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش فوندى›› ئارقىلىق تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىچىك ھەمراھلىرىغا ياردەم قىلدى. تەربىيىچىلەر يەنە ئۇلارنى بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىپ يېتىم، مېيىپ بالىلار بىلەن دوستلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خۇشاللىق ۋە بەخت ئاتا قىلدى. بۇ بىر قىسىم پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلار جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتىنى ھېس قىلىپ، تۇرمۇشتا تېخىمۇ يۇقىرى نىشان بەلگىلىدى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر