باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

دۇنيانى ئەخلاق بىلەن بېزەيلى

رەيھانگۈل نۇرمەمەت

 

      دوستۇم، بەختلىك، خۇشال، خاتىرجەم ياشاشنى خالامسىز؟ ‹‹خالايمەن›› دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. قانداق قىلغاندا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەخلاقلىق بولۇش.

      كونىلاردا ‹‹دەرەخ زىننىتى ياپراق، ئادەم زىننىتى ئەخلاق›› دېگەن ماقال بار. ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئەخلاقلىق بولۇشنى ئۆلچەم قىلساق ئۆزئارا ئۇرۇش – جېدەل، ئۇقۇشماسلىق يوقالغان، ھەممە شەيئىي ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان بولاتتى.

      ئەتراپقا قارايدىغان بولساق بەزى ساۋاقداشلىرىمىز دائىم قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىز بۇنداق ساۋاقداشنى ‹‹ئەخلاقلىق بالا›› دەپ تەرىپلەيمىز. يەنە بەزى ساۋاقداشلىرىمىز باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ يېڭى كىيىم، چىرايلىق بوغچىسىنى كۆز – كۆز قىلىدۇ، بۇنداق ساۋاقداشلار بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئېرىشەلمەيدۇ. گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. تېخىمۇ كۆپ گۈزەللىككە ئېرىشىمىز دەيدىكەنمىز ئۆزىمىزنى ھەم دۇنيانى ئەخلاق بىلەن بېزەيلى!

(ئاپتور قاراقاش ناھىيەسى زاۋا يېزىلىق 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 4 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر