باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئەترەتنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتەيلى

سۈن پىڭخۇڭ

      پائالىيەت ئەترەتنىڭ جېنى. پائالىيەت بولمىسا ئەترەت ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ تەربىيەچىلەرنىڭ ئورتاق قارىشى. ئەمما، ھەرقانداق بىر تەربىيە ستېرېئولۇق بولۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك قوللاش ۋە ماسلىشىشقا ئېھتىياجلىق. شۇڭا، تەربىيەچىلەر ئەمەلىي خىزمەتتە ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئەترەتنىڭ ئۇل خىزمىتىگە بولغان سالماقنى كۈچەيتىش كېرەك.

      ئەترەت تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەھمىيەت بېرىش. تۈزۈم خىزمەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋاسىتە. مەكتەپ چوڭ ئەترىتى ئەترەت خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە تەلىپىنى چۆرىدەپ خىزمەت نىشانى، خىزمەت تەدبىرى ۋە كونكرېت تەلەپ، باھالاش مېخانىزمنى ئېنىق بەلگىلەپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

      ئەترەت بازا قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش. تەربىيە بازىسى ئەترەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتىكى ئاساس. مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى پىيونېرلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، مەكتەپ ئىچى – سىرتىدىكى بايلىق مەنبەسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر خىل تىپتىكى تەربىيە بازىسىنى قۇرۇپ ھەم بازىنى ئاساس قىلغان ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، ئەترەتنىڭ ئەترەت ئىشخانىسىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەترەت بۇلۇڭى ۋە قىزىل گالىستۇكلۇقلار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يۇلتۇز مەشئەل گېزىتى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ياخشى ئەترەت تەربىيە مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

      تەربىيەچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش. مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنى تەربىيەلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساپاسى يۇقىرى، ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى كۆرىدىغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى قىلىپ تەيىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ساقچى، جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچى زاتلارنى مەكتەپ سىرتى تەربىيەچىلىككە تەيىنلەپ، پىدائىي تەربىيەچىلەر قوشۇنىنى تولۇقلاش؛ يەنە بىر تەرەپتىن تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن، ھەر مەۋسۇم ئوقۇش باشلانغاندا ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنى مەكتەپتە تەربىيەلەشكە تەشكىللەش؛ ئادەتتە تەربىيەچىلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنى خىزمەت تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

      مەكتەپ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئائىلە تەربىيەسى بارلىق تەربىيە سىستېمسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەترەت خىزمىتى ئاتا – ئانىلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى ئاتا – ئانىلار بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئەترەت خىزمىتىنى چۈشىنىش، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا – ئانىلارنى مەكتەپ ئەترەت خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ پىدائىي تەربىيەچىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەترەت تەربىيەسىگە كۈچ چىقىرىش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر