باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

ئەنجۈر

 

      ئەنجۈر — ئۈجمە ئائىلىسى، ئەنجۈر ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ، دۇنيادا ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مېۋىلىك دەرەخ. ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان. 1999 – يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يېتىلگەن ئەنجۈر كۆلىمى 3900 گېكتار، بىرلىك مەھسۇلاتى 2126 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلات 8290 توننا، ئاساسلىق ئشلەپچىقىرىش رايونى ئاتۇش، قەشقەركونا شەھەر، قەشقەر، قاغىلىق، خوتەن، ئاقسۇ. كورلا ۋە تۇرپان قاتارلىق ناھىيە – شەھەرلەرگە جايلاشقان. شىنجاڭ ئەنجۈرلىرىنىڭ سورتى ئەلا، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتۇشتىن چىقىدىغان چىقىدىغان ئەنجۈر ئەڭ ياخشى. ھۆل مېۋىسىنىڭ قەنت تەركىبى 14 ~17 گىرادۇس، يۇقىرى بولغاندا 19.3 گرادۇسقا يېتىدۇ. بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىگە قارىغاندا 3 ~5 پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى. ئاقسىل تەركىبى %4.3، مېنرال ماددا تەركىبى %2.4؛ يەنە كاراتون ۋە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ئامىنو كىسلاتاسى، كالتىسىي ۋە تۆمۈر قاتارلىق تەركىبلەر بار. ئەنجۈر بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى نەملەش، ئىشتەينى ئېچىش، سۈت كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىزىتما قايتۇرۇش، ياللۇغنى يوقىتىش، تولغاقنى، يۆتەلنى توختىتىش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. شىنجاڭدا ئەنجۈرنىڭ يەتتە خىل سورتى بار، چىلگە ئەنجۈر، سېرىق ئەنجۈر، كىچىك يۇمىلاق سېرىق ئەنجۈر، تۇخۇمسىمان سېرىق ئەنجۈر ۋە جاغدا ئەنجۈرى قاتارلىقلار.

 

ئەنجۈر دەرىخى

 

بۇ ئايال پىشقان ئەنجۈرلەرنى ئۈزمەكتە

ئەنجۈر قېقى

بازارغا سېلىنغان ئەنجۈرلەر

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر