باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئەرخانغا ئاپىرىن

ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

      بېيجىڭ شەھىرى بېيجىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 6 – يىللىق 3 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەرخان ئىمىن ھەرقايسى پەنلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە مۇزىكىدىنمۇ شەرەپ قۇچۇۋاتقان ئۈمىدلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ يىل 7 – ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك ‹‹چاقناۋاتقان يۇلتۇز›› ياش – ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ پىيانىنو تۈرىدە بالىلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئالتۇن مېدالغا، سوناتىنا (بىر خىل قىسقا مۇزىكا) گۇرۇپپىسى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلەر ئەرخاننىڭ سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگىنىش ۋە تىرىشىش روھى بەدىلىگە كەلگەن.

      ئەرخاننىڭ دادىسى ئىمىن ئىسمايىل ئاكا مۇنداق دېدى: ‹‹بالىلار باغچىسىدا ئۇقۇۋاتقاندا ئەرخاننى رەسىم ۋە ئىنگلىز تىلى كۇرسىغا قاتناشتۇرغان بولساممۇ تازا قىزىقىپ كەتمىدى. كېيىن ئۇ مۇزىكا ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا، مەن ئۇنىڭغا پىيانىنو ئېلىپ بەردىم ھەم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى لى تيەنجىنى تەكلىپ قىلدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەرخان ھەر كۈنى يېرىم سائەت لى مۇئەللىمدىن پىيانىنو ئۆگەندى. دەم ئېلىش كۈنلىرى تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ پىيانىنو مەشىق قىلدى. ئوغلۇم ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكلىشى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇزىكا دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 7 – دەرىجىدىن ئۆتتى. مېنىڭچە ھەرقانداق بالا بالىلىق دەۋرىدە بالىلار ئويۇنلىرىنى ئوينىشى، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشى كېرەك. بالىلارنىڭ بېسىمىمۇ يەتكۈچە بار. كۇرسلارغا بەك كۆپ قاتناشتۇرۇپ يەنە بېسىم قىلساق بالىنى زېرىكتۈرۈپ قويىمىز. مېنىڭ ئەرخانغا پىيانىنو ئۆگىتىشتىكى مەقسىتىم ئۇنى داڭلىق مۇزىكانت قىلىش ئەمەس، بەلكى مۇزىكىنى سۆيىدىغان، ئەخلاق – پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش. ئەرخان ھازىرمۇ دەرسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە پىيانىنو ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ››.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر