باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىش باسقۇچلىرى

1. شەيئىلەر بىلەن تونۇشۇش باسقۇچى

      شەيئىلەرنى بىلىش – ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ماقالە ئەمەلىيەتتە شەيئىلەر توغرىسىدىكى تونۇش، چۈشەنچە ھەم تەسىراتلارنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، پەقەت شەيئىلەرنى بىلگەندىلا ماقالە يېزىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس ياراتقىلى بولىدۇ.

 

2. تىل ئۆگىنىش باسقۇچى

      بۇ باسقۇچ ئاددىي، كۆپ ئۇچرايدىغان تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، ئاددىي جۈملىلەر ئارقىلىق مەقسەت – مۇددىئانى ئىپادىلەشنى ئۆگىنىش، مۇرەككەپ ئۇزۇن جۈملىلەرنى تۈزۈشنى ئۆگىنىش، پەننىي ئاتالغۇلار ۋە يېڭى سۆزلەرنى ئۆگىنىش قاتارلىق بىرقاتار جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ باسقۇچنى ئادەتتە ئاڭلاپ چۈشىنىش باسقۇچى ۋە ئىپادىلەش باسقۇچىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.

 

3. ساۋات چىقىرىش باسقۇچى

      بۇ باسقۇچ ھەرپلەر بىلەن تونۇشۇش، يېزىش ۋە ئوقۇشنى ئۆگىنىش، رەسىمگە قاراپ سۆزلەرنى ئۆگىنىش، مەقسەت – مۇددىئانى تىل – يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئۆگىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

4. بىلىم ئېلىش باسقۇچى

      بۇ باسقۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى تۈرلۈك نەزەرىيىۋى، ئەمەلىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. باسقۇچنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئادەتتە تۈرلۈك بىلىملەر بىلەن تونۇشۇش، شەيئىلەرنى چۈشىنىش، تىل ئۆگىنىش، يېزىش ۋە سۆزلەشنى ئۆگىنىش تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      يۇقىرىقى تۆت باسقۇچ ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىشتىكى ئۇل سالغۇچى دەسلەپكى تەييارلىق باسقۇچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ باسقۇچلارنى پۇختا بېسىپ تۇرۇپ، ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىش شارائىتىنى ھازىرلىغىلى بولمايدۇ.

        

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر