باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ئوقۇشسىزلىقنى يېڭىش 

      داڭلىق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە تەجرىبىسى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىمەكچى بوپتۇ.

      شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن نۇتۇق باشلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا زال ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق توشۇپ كېتىپتۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ ئايالنىڭ ھايات مۇساپىسىگە شۇنچىلىك قىزىقىپتۇ.

      نۇتۇق باشلىنىپتۇ.

      ‹‹ئانامنىڭ قۇلىقى ئاجىز، گەپمۇ قىلالمايدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى ھەم ئۇنىڭ ھازىر بۇ دۇنيادا ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنىمۇ ئۇقمايمەن، ھاياتىمدىكى تۇنجى خىزمىتىم پاختا تېرىش بولدى ...››.

      كۆپچىلىك ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە ھەيران قاپتۇ، بۇ ئايالمۇ نۇتۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ.

      ‹‹مېنىڭچە، كۆپچىلىك چوقۇم بىر مەسىلىگە قىزىقىدۇ. ئۇ بولسىمۇ: پاختا تېرىيدىغان بىر قىز قانداق قىلىپ بۈگۈنكى مۇشۇ ھالەتكە يەتتى؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن مەن ئالدى بىلەن سىلەرگە ماڭا تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان بىر جۈملە سۆزنى ئېيتىپ بېرەي – ‹ئەگەر بىز دۇچ كەلگەن ئەھۋال خەيرلىك بولمىسا، بىز ھامىنى ئامال تېپىپ بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيمىز›، مانا مۇشۇ بىر جۈملە سۆز مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى، بۇ بىر جۈملە سۆز ماڭا بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئۇ تۇغۇلغان چاغدىكى ئەھۋالى تەرىپىدىن بېكىتىلمەستىن، بەلكى شۇ ئادەمنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى››.

      ئۇ يەنە مۇنداق دەپتۇ: ‹‹ھەقىقەتمۇ توغرا، بىر ئادەم ئەگەر كۆز ئالدىدىكى ناچار ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەن، ئۇ ‹مەن ئەھۋالنىڭ قانداق ھالەتكە ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؟› دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىغا قاراپ ئىنتىلىشى كېرەك››.

      ھېكمەت: ئەگەر بىز يولۇققان ئەھۋال بىزگە پايدىسىز بولسا، بىز ھامىنى چارە تېپىپ بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيمىز. ئۆزىمىزدىكى پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق، ھەرىكەت قوللىنىشىمىز ھەم پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، مانا بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر جەريانىدۇر.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر