باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

      1. پىيونېرلارنى ئەترەت كادىرلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەش

      ئىجابىي تەربىيە ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ ئەترەت كادىرلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

پىيونېرلارنى توغرا ئېتىقاد تىكلەشكە يېتەكلەش.

      پىيونېرلارنىڭ كىچىك كادىرلىق ۋەزىپىنى ئۆتۈشى ئەترەت تەشكىلاتى تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تەرىپى، پىيونېرلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى – ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىگە – ئۆزى مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول. ئەترەت گېزىتى، ئەترەت ژۇرنىلى، ئەترەت تور پونكىتى، قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىيو پونكىتى، قارا تاختاي گېزىتى، تەشۋىقات تاختىسى، ئەترەت تەشكىلىي تۇرمۇشى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پىيونېرلار ئارىسىدا ‹‹نېمە ئۈچۈن ئەترەت كادىرى بولىسەن؟››، ‹‹قانداق قىلغاندا ياخشى ئەترەت كادىرى بولغىلى بولىدۇ؟›› دېگەندەك مۇلاھىزىلەرنى قانات يايدۇرۇپ، توغرا نىشاننى تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئەترەت كادىرىلىق خىزمىتىنىڭ پىيونېرلار ۋە كوللېكتىپ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. پىيونېرلارغا ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش ئۇسۇلىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، دېموكراتىك ھوقۇقىنى قەدىرلەشكە، پايدا – مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇشى قاتارلىق ناچار ئىستىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا، ئۆزىگە، ھەمراھلىرىغا، كوللېكتىپقا مەسئۇل بولۇپ، كادىرلارنى سايلاشتا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئويىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىك رازى بولىدىغان ئادەمنى سايلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

      پىيونېرلارنى ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئەمەلىيىتىگە يېقىنلىشىپ، كادىرلارنى سايلاش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان ياخشى بولمىغان ئوي ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا ھەق – ناھەق چېگرىسىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىيونېرلاردىن ‹‹تۆتنى قىلىش››نى يەنى ئۆزىگە تايىنىش؛ ھەقىقىي تالانتىغا تايىنىش؛ ئادىللىقنى سۆزلەش؛ تەرتىپكە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

      پىيونېرلارنى ئەتراپىدىكى ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھەر خىل يوللاردىن پايدىلىنىپ، كادىرلارنى سايلاشتىكى ئىجابىي تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، كىچىك كادىرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئىش ئىزلىرىنى نامايان قىلىپ، ھەربىر پىيونېرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ھۆرمەت قىلىدىغان ئۈلگە تىكلىشىگە، سايلامغا ئادىل قاتنىشىشقا، ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشقا، ھەمراھلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى قەدىرلەپ، جان دىلى بىلەن پىيونېرلار ۋە كوللېكتىپقا خىزمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى كېرەك.

      2. تەربىيەچىلەرنى ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش

      تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە يېتەكچىسى، ئەترەتتىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ. تەربىيەچىلەرنىڭ ئىدىيە تونۇشى ۋە ھەرىكىتى پىيونېرلارنىڭ ئەترەت كادىرىلىرىغا بولغان كۆز قارىشى، ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش جەريانىنىڭ ئۆلچەملىك ۋە ئادىل بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەربىيەچىلەرنىڭ كادىرلارنى سايلاش خىزمىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. پىيونېرلار ھايات مۇساپىسىدە ئەڭ مۇھىم ئويغىنىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شەكىللەنگەن ئىدىيەۋى تونۇشى ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ چوڭقۇر ئىدىيەۋى مەنىگە ئىگە. ياخشى ئىشلىسە پىيونېرلارنىڭ توغرا تەشكىلىي ئېڭى، كوللېكتىۋىزىملىق ئېڭى، دېمۇكراتىك ئېڭى، پىرىنسىپلىق ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭى، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى قاتارلىق ئىدىيە – ئاڭلارنى تىكلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ؛ ياخشى ئىشلىمىسە پىيونېرلارنىڭ ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆڭلىدە ئادىل بولمىغاندەك، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىپ، ئەترەت تەشكىلىدىن رازى بولمايدىغان ياخشى بولمىغان ئىدىيە خاھىشى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. تەربىيەچىلەر ئۆسمۈر – بالىلار، جەمئىيەت، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، كەسپىي روھنى تەشەببۇس قىلىپ، كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلەپ پىيونېرلار ۋە كوللېكتىپتا ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

      تەرىيەچىلەر چىڭ تۇرىدىغان خىزمەت پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش باسقۇچى تەربىيەچىلەردىن ‹‹ئۈچنى قىلماسلىق، بىرگە خاتىمە بېرىش››نى تەلەپ قىلىدۇ: ئەترەت كادىرلىرىنى بىۋاسىتە بەلگىلىمەسلىك؛ ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ كۆرسىتىش، سايلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانماسلىق؛ ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاشنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلىرىگە خىلاپلىق قىلماسلىق كېرەك. ماددىي مەنپەئەتنى دەپ سايلام بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان قىلمىشقا قەتئىي خاتىمە بېرىش كېرەك. يۇقىرىدىكى پىرىنسىپلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ پاك قەلبىنى قوغداپ، ساغلام تەرەققىي قىلىش ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇپ، پىيونېرلار ۋە ئاساسىي قاتلام كوللېكتىپىدا ھەققانىي، ئادىل، قۇياش نۇرىدەك ئوچۇق، خۇشال ئىتتىپاقلىشىدىغان ھالەت ۋە مۇھىتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتا – ئانىلارنىڭ توغرا چۈشىنىشى، ماسلىشىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

      خىزمەت ئىنتىزامىدا كەسكىن بولۇش كېرەك. ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان تەربىيەچىلەرگە يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار تەنقىدىي تەربىيە بېرىپ خاتالىقىنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىشى لازىم.

      3. ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

تۈزۈم ئورنىتىش قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خاتىمە بېرىش ئۈچۈندۇر، بۇنداق قىلغاندا ناچار ئادەتنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەترەت كادىرلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل سايلاشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەترەت نىزامنامىسى ۋە ‹‹ئەترەت كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››تىكى ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش خىزمەت بەلگىلىمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاكتىپ ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشقا، ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

      پىيونېرلارغا ئەمەلىي چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئەترەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن چوڭ، ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتى ۋە كىچىك ئەترەت خىزمەت ئورنى بەلگىلەش ئاساسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كادىرلار مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەت ئورنىنى تەسىس قىلىش، مەسىلەن پەن – تېخنىكا، تازىلىق قاتارلىق يېڭى ھەيئەتنى كۆپەيتىشنى، يەنە ئەدەبىيات، سەنئەت، پەن– تېخنىكا، تەنتەربىيە قاتارلىقلارغا قىزىقىدىغان كوللېكتىپ،گۇرۇپپا باشلىقى، شۇنداقلا ئەترەتنىڭ ھەر خىل مۇلازىمەت خىزمەت ئورنىنى سىناق قىلىپ تەسىس قىلسا بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ پىيونېرنىڭ ئەترەت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەممە ئادەمنىڭ خىزمەت ئورنى، ئەمەلىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغان پۇرسەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت كەچۈرمىشى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

      سايلامنىڭ دېموكراتىك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سايلام ئارقىلىق چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاپ ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەترەت كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بەلگىلىمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. پىيونېرلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ۋە قىزىقىدىغان ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش ئۇسۇلىنى پىلانلاپ، ‹‹ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلاش، سايلامغا قاتنىشىش، بېلەت تاشلاش›› قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇش لازىم. تىزىمغا ئالدۇرۇپ ۋەدە بېرىشنى يولغا قويۇپ، پىيونېرلارغا ‹‹تۆتنى قىلىش›› تەلىپى بويىچە ئەترەت كادىرى بولۇشقا ئىلتىماس قىلغان پىيونېرنى باشقا پىيونېرلار ۋە كوللېكتىپ ئالدىدا ۋەدە بەرگۈزۈش؛ نازارەت قىلىپ باھالاشنى يولغا قويۇپ، سايلامدىن بۇرۇن تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى تەشكىللەپ نامزاتلارنى باھالاپ نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

      قەرەللىك ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پىرىنسىپ جەھەتتىن كىچىك، ئوتتۇرا ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى بىر مەۋسۇم، چوڭ ئەترەت كادىرلىرىنىڭ بىر يىل بولىدۇ. ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئوتتۇرا، چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى دەل ۋاقتىدا نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. يېڭى نۆۋەتلىك نامزاتلارنى سايلاشتا ئەزەلدىن مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىنى ئۆتىمىگەن پىيونېرلارنى سايلاشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. پىرىنسىپ جەھەتتە كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن پىيونېرلار بولسا ئەترەت كادىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن كادىرلارنىڭ قايتا ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. لېكىن، خىزمەت ئېھتىياجى ياكى بارلىق پىيونېرلار قۇشۇلسا كىچىك كادىرلار ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.

      ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ھەم قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەترەت ھەيئىتىنى سايلاش خىزمىتىنى تەربىيەچىلەر ۋە پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ يىللىق خىزمەت باھالىشىغا كىرگۈزۈپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىنىپ ھەيئىتىنى سايلاش جەريانىدا بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن خىزمەت پىرىنسىپى ۋە ئىنتزامىغا رىئايە قىلغاندا ئەترەت كادىرىنى سايلاش خىزمىتىنىڭ ساغلام قانات يېيىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر