باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئەترەتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى

 

      ‹‹ئەترەت نىزامنامىسى››دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك ئەترەتلەر خىزمىتىنىڭ دائىملىق رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئۇ ئوخشاش دەرىجىلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ››.

      1. پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇش

      (1) ئەترەت ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى تۇرغۇزۇپ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تەشكىلات سىستېمىسى بەرپا قىلىش.

      (2) جەمئىيەتنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلىنىشىگە بولغان غەمخورلۇقىنى، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەترەتنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ ئەڭ كەڭ، مۇستەھكەم تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئەترەتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈرۈش.

      (3) ئىتتىپاق، مائارىپ، ئەترەت خىزمىتىگە ھەرقايسى تەرەپلەردىن كۆڭۈل بۆلۈش، ئەترەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش، كۈچلۈكلۈكى ۋە راۋانلىقىنى ئاشۇرۇش.

      2. پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە تەركىب تېپىش ئۇسۇلى

      ‹‹جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ تەشكىلىي نىزامى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرى ھەر دەرىجىلىك ئەترەتلەرنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئۇ ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ››. ‹‹پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كوللېكتىپ ئورۇن ئەۋەتكەن ۋەكىللەردىن تەركىب تاپىدۇ››. ‹‹پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىدا مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر، مەسئۇل رەھبەرلەر كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بېجىرىدۇ››. ‹‹ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشخانا تەسىس قىلسا، پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى مۇدىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسا بولىدۇ. پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئوخشاش دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئۆسمۈرلەر بۆلۈمى بىلەن بىللە ئىشلىسە بولىدۇ››.

      3. پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى

      يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئوخشاش دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىر مەزگىللىك ئەترەت خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ خىزمەت پىلانىنى بېكىتىدۇ؛ ئەترەتنىڭ تەشكىلىي تەرەققىيات خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ كۆپ خىل شەكىلدىكى ئەترەت پائالىيەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، تەربىيەچىلەرنى سەپلەشكە، تەربىيەلەشكە ۋە تەقدىرلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ ئەترەتنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرى ۋە ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ ئەترەتنىڭ نەزىرىيە تەتقىقاتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىدۇ، سىياسەت خاراكتېرلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىق مەزگىلىدە پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.

      4. پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر

      (1) پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئەزالىرى پىيونېر، تەربىيەچى، ئىتتىپاق ئەزاسى، مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرىدىكى خادىملار، ئەترەت خىزمىتى كادىرلىرى ۋە ئەترەت خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئوبلاست (شەھەر) دەرىجىلىك كومىتېت ئەزالىرى 40تىن 50 كىچە بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 تىن ئاشمايدۇ. ناھىيە (شەھەر، رايون) دەرىجىلىك كومىتېت ئەزالىرى 30 دىن 40 قىچە بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 تىن ئاشمايدۇ. ئوبلاستلىق (شەھەرلىك) پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئەزالىرى ناھىيە (شەھەر، رايون) دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى (مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى) ۋە ئەترەتنىڭ مەخسۇس كادىرلىرى (ياكى باش تەربىيەچى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      (2) پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئەزالارنى سايلىغاندا چوقۇم ‹‹خىزمەتكە، تەشكىللەشكە پايدىلىق بولۇش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى؛ مىللەت تەركىبى، ياش قۇرۇلمىسى، ئوقۇش تارىخى، كەسپىنى ئويلىشى؛ يېزا – بازارلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىشى ۋە مەكتەپلەرنىڭ باراۋەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      (3) پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە شۇ دەرىجىلىك باش تەربىيەچىدىن بىرى بولۇشى لازىم. ئوبلاست (شەھەر)لىق پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باش تەربىيەچىسىنى پىرىنسىپ بويىچە ئوبلاست(شەھەر)لىق ئىتتىپاق كومىتېتى، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باش تەربىيەچىسىنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى ئىتتىپاق كومىتېتى ياكى ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ.

      5. پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر

      (1) پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىدا بىردىن ئىككىگىچە مۇدىر، بىرنەچچە مۇئاۋىن مۇدىر بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئوبلاست(شەھەر)لىق پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەشتىن ئالتىگىچە، ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۈچتىن تۆتكىچە بولىدۇ.

      (2) پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى نامزاتى ئىشتات تۈزۈمى پىرىنسىپىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.

پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بىر بولسا ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ، بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرلىقنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىككى بولسا مۇدىرلىقنى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ،

ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەركىب تېپىش ئەھۋالىغا ھەمدە پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى سەپلەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ۋىلايەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنى تەشكىللەيدۇ، ئوخشاش دەرىجىلىك پارتكوم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەستىقلاپ بېرىشىگە يوللايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر