باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

ئانا يۇرتىدىكى تۆھپىكار مائارىپچى

      چىرا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ئەدىب، تەتقىقاتچى مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن تۆھپىكار مائارىپچى، مول ھوسۇللۇق ئەدىب ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.

      مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن 1956 – يىلى چىرا يېزىسى مەخمەل كەنتىدە تۇغۇلغان، 1979 – يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فوكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، چىرا ناھىيەسى نۇر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان؛ خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 1985 – يىلى 2 – ئايدا گۇلاخما يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە، 1986 – يىلى 12 – ئايدا بوستان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ، ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن؛ 1986 – يىلى 9 – ئايدىن 1989 – يىلى 7 – ئايغىچە ناھىيەلىك كەسىپ – تېخنىكا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1989 – يىلى 9 – ئايدىن 1991 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە بولغان؛ ھازىر چىرا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىمەكتە.

      مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، بارلىقىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۇرۇژۇك پائالىيىتى ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش جەھەتلەردە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدى. ئۇ بىۋاسىتە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن 30 دىن ئارتۇق ھەۋەسكارنىڭ ئەسىرى مەتبۇئالاردا ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بەزىلىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى نوپۇزلۇق ئەدىبلەردىن بولۇپ قالدى.

      مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئاكتىپ شوغۇللىنىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژۇرنىلىنىڭ 1980 – يىللىق 9 – سانىغا ئېلان قىلىنغان ‹‹ۋەتىنىمنى سۆيىمەن›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىغا قوشۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە چىقىدىغان ھەر قايسى گېزىت – ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 50 پارچىگە يېقىن ھېكايە، 900 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيەسى، جەمئىيەتشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، ئاخباراتچىلىق نەزەرىيەسىگە ئائىت ئىلمىي ماقالە، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئوبزور، 300 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 دىن ئارتۇق داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ھاياتىنى، ئون نەچچە كىلاسسىك شائىرنىڭ ئەدەبىي ھاياتىنى مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇردى. چىرا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ، بوستان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، نۇر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مەرىكىسىگە ئاتاپ چىقىرىلغان ‹‹ئانار يۇرتىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى››، ‹‹بوستاندىكى مەرىپەت بۆشۈكى››، ‹‹قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى نۇربۇلاق›› ناملىق ژۇرناللارنىڭ ماقالىلىرىنى تەييارلاش، تەھرىرىلەش، نەشىر قىلدۇرۇش ۋە چىرا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى ئىشخانىسى نەشىر قىلدۇرغان ‹‹چىرا ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسى››، ‹‹چىرا ناھىيەسىنىڭ سەھىيە تەزكىرىسى››، ‹‹چىرا ناھىيەسىنىڭ سۇ ئېلىكتىر، ئېنىرگىيە تەزكىرىسى››، ‹‹چىرا ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق، قۇم تىزگىنلەش تەزكىرىسى››، ‹‹چىرا ناھىيەسىنىڭ خەلق ئىشلىرى تەزكىرىسى›› قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈزكە قاتناشتى. ئۇ يازغان ‹‹چىرا ناھىيەسىنىڭ پەننىي مائارىپ تارىخى››، ‹‹ياغاچ قاچا – قۇچا ياساش›› ناملىق ئىككى كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.  بىر قىسىم شېئىر، ماقالىلىرى ‹‹گۈلدەستە››، ‹‹گۈزەل ئارزۇلار››، ‹‹شانلىق 40 يىل››، ‹‹خوتەن يولىدا پايانداز››، ‹‹خويمۇ ئۇز خوتەن›› قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلدى. ئۇ يەنە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت خېلى كۆپ ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ژانىرلىق، مول ھوسۇللۇق ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزى ئەسەرلىرى كۈچلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى، بەزى ئەسەرلىرى ئوبزورچىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ھاياتى، ئىش – پائالىيەتلىرى گېزىت – ژۇرنال، كىتابلاردا تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، ھەر خىل ناملاردا 20 قېتىمدىن ئارتۇق تەقدىرلەندى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

 

مەنبە: مائارىپ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر