باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادامغا سۆز

تۇرانقىز قاسىم

      قەدىرلىك دادا، سىز ئىلگىرى سەمىمىي، كۆيۈمچان ئىدىڭىز. ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن بىزگە ئۈلگە بولاتتىڭىز. باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ياخشى ئادەتنى بىزگە سىز ئۆگەتكەن. لېكىن، بىلەلمىدىم ھازىر سىز باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالدىڭىز. ھەركۈنى دېگۈدەك ھاراق ئىچىپ دەلدەڭشىپ كىرىپ ئۆي ئىچىنى مالىمان قىلىشلىرىڭىزدىن، كۈن بويى ئېتىزدا ئىشلەپ ھېرىپ كەلگەن ئاپامنى ئۇرۇپ، تىللاشلىرىڭىزدىن، كەچتە كىتابنى قولۇمغا ئېلىشىمغا ‹‹چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلا›› دەپ چەكچىيىشلىرىڭىزدىن بىزار بولدۇم. مەن ھەرقانچە قىلساممۇ بۇ ئىشلىرىڭىزنى كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋىتەلمىدىم. ئاخىر يۈرەك سۆزلىرىمنى سىزگە ئېيتىشقا مەجبۇر بولدۇم.

      مۇئەللىم بىزگە ‹‹ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالدى، ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىڭلار›› دەيدۇ. مېنىڭ پۇختا تەييارلىق قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئىرادەم بار. بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشىڭىز، ئۆزۈممۇ ھازىردىن باشلاپ ياخشى ئۆگنىشىم، كۆپلەپ بىلىم ئېلىشىم تولىمۇ زۆرۈر. ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلىسام ئۇلارنىڭ دادىسى چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ مېنىڭ داداممۇ شۇنداق بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى – ھە! دەپ ئويلاپ قالىمەن.

      قەدىرلىك دادا، بۇرۇنقى ھالىتىڭىزگە تېزرەك قايتىشىڭىزنى، ئائىلىمىزنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇپ، بىزگە ياخشى ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر