باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئىنسانلارغا پايدىلىق ‹‹بومبا››لار

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىملار تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ‹‹بومبا››لارنى كەشىپ قىلدى.

      پاشا يوقىتىدىغان ‹‹بومبا››: گېرمانىيەدە كىشىلەر دالادا تۈنىگەندە پاشا يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ‹‹بومبا›› تەتقىق قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى ئۆردەك تۇخۇمىغا ئوخشايدىكەن. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، شامال چىقمىغاندا، بىر ‹‹بومبا›› ئارقىلىق نۇرغۇن پاشىنى يوقاتقىلى بولىدىكەن.

      چىۋىن يوقىتىدىغان ‹‹بومبا››: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا چىۋىن يوقىتىدىغان ‹‹بومبا›› ياساپ چىقىلغان. بۇ ‹‹بومبا››نى يەرگە قويغاندىن كېيىن، ‹‹بومبا›› قېپى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ، بىر قەغەز قاپ دومىلاپ چىقىدىكەن، قاپنى ئاچقاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۇلياۋدىن ياسالغان غوزەكلەر ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ، غوزەك ئىچىدىكى چىۋىن لىچىنكىلىرى چىۋىنگە ئايلىنىپ ئۇچۇپ چىقىدىكەن، ئۇلار چىۋىنگە ئايلىنىش باسقۇچىدا ئالماس بىلەن نۇر چۈشۈرۈلۈپ، دېزىنفېكسىيە قىلىنىدىكەن، بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپىيىش ۋە باكتېرىيە تارقىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىكەن. بۇ ئەركەك چىۋىنلار راست چىشى چىۋىنلار بىلەن چېتىشىدىكەن، بىراق چىشى چىۋىنلار تۇخۇم تۇغالمايلا قالماستىن، ئاخىرىدا ئۆلۈپ نەسلى قۇرۇيدىكەن.

      كېسەل داۋالايدىغان ‹‹بومبا››: ئەنگلىيەدە كېسەل داۋالايدىغان ‹‹بومبا›› تەتقىق قىلىپ ياسالغان. بۆرەككە، ئۆتكە ۋە دوۋساققا تاش چۈشكەن ئاغرىقلار بۇ ‹‹بومبا›› تابلىتكىسىنى ئىچكەندىن كېيىن، ‹‹بومبا››دىكى يۆلىنىشنى پەرقلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى تاش چۈشكەن ئورۇننى ئاپتوماتىك ئىزدەپ تېپىپ تاشنى پارتلىتىپ پارچىلايدىكەن. بۇ تاش پارچىلىرى تەرەت بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن.

      تاماكا تاشلىتىدىغان ‹‹بومبا››: بۇنداق بومبا يېڭى زېلاندىيەدە تەتقىق قىلىپ ياسالغان بولۇپ، بىر تال تاماكىغا بۇ ‹‹بومبا››دىن ئۈچى سېلىنىدىكەن. تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنى چەككەندە، بىرىنچى بومبا پارتلاپ ئادەمنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرىدىغان سېسىق پۇراق چىقىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ تاماكا چەككۈسى كەلمەيدىكەن، داۋاملىق چەككەندە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ‹‹بومبا›› پارتلايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكا خۇمارى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭمۇ تاماكا چەككۈسى كەلمەيدىكەن.

      جاننى قۇتقۇزىدىغان ‹‹بومبا››: ئامېرىكىدا ئىچىگە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تىنچلاندۇرۇش دورىسى سېلىنغان ‹‹بومبا›› ياسالغان بولۇپ، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئەسكەرلەر يارىلىنىپ، ھاياتى خەۋپكە ئۇچراپ، دوختۇر–سېسترالار يارىلانغۇچىنىڭ يېنىغا بېرىشقا مۇمكىن بولمىغاندا، بۇنداق‹‹بومبا››نى ئېتىش ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلىدىكەن؛ تاغقا چىققۇچىلار خەتەرگە يولۇققانلارغا ۋە كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغان ئاغرىقلارغىمۇ بۇنداق ‹‹بومبا››نى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر