باش بەت | سەيلىگاھلار

مەشھۇر شەھەر – سانكت پېتېربۇرگ

     

  2009- 06- 04 17:00 شىنجاڭ گېزىتى

 

      روسىيىلىكلەردە: سانكت پېتېربۇرگقا بارمىغانلار روسىيىگە بارغان ھېسابلانمايدۇ، دېگەن گەپ بار. 1703 – يىلى ئىمپېراتور پېتىر نېۋا دەرياسى بويىدا بىنا قىلغان بۇ شەھەردىكى قۇرۇلۇشلار بارلۇك ۋە روكوكو ئۇسلۇبىدىكى 200 – 300 يىللىق تارىخقا ئىگە ھەيۋەتلىك ھەم چىرايلىق نەقىشلەنگەن بولۇپ، كوچىلاردا چىرايلىق ھەم نەپىس ھەيكەللەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلار ھەم نەپىس ھەيكەللەر بۇ داڭلىق شەھەرگە ئاجايىپ رومانتىك تۈس كىرگۈزگەن.

      قىشلىق ساراي 1754 – يىلى سېلىنغان، بۇ يەردە ئىلگىرى چار پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئىدى. يېشىللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىككى قەۋەتلىك بۇ بىنادىكى ئاق يۇمىلاق تۈۋرۈكلەر، دېرىزىلىرىدىكى ئويما نەقىشلەر، تامدىكى قاپارتما ھەيكەللەر، ساراينىڭ ئۆگزىسىدىكى ھەر خىل ھەيكەل ۋە گۈللەر كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. بىنادىكى چوڭ زال ئازادە ھەم يورۇق، يۇمىلاق تۈۋرۈكلەر، ئۇزۇن كارىدور ھەم چوڭ دېرىزىلەر زالغا ھەيۋەتلىك ھەم ھەشەمەتلىك تۈس كىرگۈزگەن. ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرىدىغان نەقىشلەر، چىرايلىق ياسالغان ھەيكەللەر چىرايلىق ھەم نەپىس بولۇپ، بىنانى لايىھىلىگۈچىنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. قىشلىق سارايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان 2 مىليون 800 مىڭ دانە سەنئەت بۇيۇمى ساقلانغان بولغاچقا، ئۇ فرانسىيىدىكى لوۋېر سارىيى ۋە ئامېرىكىدىكى مېتروپولىس بىلەن قوشۇلۇپ، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ مۇزېي دەپ ئاتالغان. بۇ يەردە داۋىنچ، رافېل، مىكېلانگېلو، مونېت قاتارلىق مەشھۇر سەنئەت پېشۋالىرىنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى ۋە ھەيكەللىرى، نەپىس ئۆي جاھازىلىرى، چاقچۇق بۇيۇملار، سائەت، ئالتۇن – كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى ۋە جاۋاھىراتلار،خرۇستال ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملار ھەم ئېغىرلىقى 19 توننا كېلىدىغان رەڭلىك تاشتىن ياسالغان لوڭقا قاتارلىقلار بار.

      يازلىق ساراي سانكت پېتېربۇرگنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئورمانلىققا جايلاشقان بولۇپ، ساراي ئالدىدىكى پەلەمپەي شەكىللىك شارقىراتما بىلەن فونتانلار توپى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. پەلەمپەيسىمان ئىككى شارقىراتمىدىن چۈشۈۋاتقان سۇ پەردىسى بىلەن 64 فونتاندىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇ ئاجايىپ چىرايلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھەر خىل سىياقتىكى يۈزنەچچە ھەيكەل ھەم قاپارتما ھەيكەللەر بۇ مەنزىرىگە قوشۇلۇپ جەننەتتەك گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك كۆلچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈچ بىلەن گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن بىر ئالتۇن رەڭ ھەيكەل بار: ‹‹ئىنجىل››دىكى باتۇر سىمسون كۈچلۈك قوللىرى بىلەن بىر غايەت چوڭ شىرنىڭ ئاغزىنى كېرىپ تۇرغان بولۇپ، شىرنىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. باغدا يەنە نۇرغۇن قىزىقارلىق فونتانلار بار، ئېھتىياتسىزلىقتىن سېنزورى بار تاشنى دەسسەپ سالسىڭىز، ھەممە تەرەپتىن ئېتىلىپ چىققان سۇ سىزنى چىلىق – چىلىق ھۆل قىلىۋېتىدۇ.

      سانكت پېتېربۇرگ مانا مۇشۇنداق شەھەر. بۇشەھەردىكى قۇرۇلۇشلار سۇ بويىغا سېلىنغاچقا، كۆۋرۈك كۆپ. بۇ كۆۋرۈكلەر 18 – ئەسىردىكى نادىر قۇرۇلۇشلار بولۇپ، ئىشلىتىلىشچانلىقى ۋە مۇكەممەللىكى ۋېنتسىيىدىكى كۆۋرۈكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان سۇلار ۋە ئىككى قىرغاقتىكى نەپىس قۇرۇلۇشلار ھەم قەدىمىي ئۇسلۇبتا ياسالغان چوڭ – كىچىك كۆۋرۈكلەر ئىمپېراتور پېتىر كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ بىنا قىلغان بۇ داڭلىق شەھەرگە تېخىمۇ ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نېۋا دەرياسىدىكى ئانىچكوۋ كۆۋرۈكى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، كۆۋرۈكتە مىستىن ياسالغان تۆت ئاتنىڭ ھەيكىلى بار. كۆۋرۈكنىڭ رىشاتكىسىغا دېڭىز ئېتى بىلەن ساھىبجامال بېلىقنىڭ چىرمىشىپ تۇرغان ھەيكىلى ئويۇلغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشى ئاساسىي تېما قىلىنغان. ھازىر بۇ ھەيكەللەر كونىراپ داتلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا روسىيىلىكلەرنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

      يېكاتېرىنا سۈنئىي قانىلى يېنىدا خىشتىن سېلىنغان، خىرىستۇسنىڭ قېنى تۆكۈلگەن چوڭ چېركاۋ بار، ئۇنىڭ تاملىرى قىزىل سىرلانغان، ئەتراپىدا سەككىز يۇمىلاق مۇنار، ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭ مۇنار بار، ئۇلار بىر – بىرىگە ئوخشاشمايدىغان ئۇسلۇبتا ياسالغان. ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار خرىستىئان دىنىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ غەيرىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.  چېركاۋنىڭ ئۆگزىسىدە رىۋايەتلەردىكى شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرى بار، ئۇلار ئېتىقاد، ئەقىل – پاراسەت، كۈچ ۋە تىنچلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئېگىزلىكى 20 مېتىر كېلىدىغان، گرانت تاشتىن ئويۇلغان رىم تۈۋرۈكلىرى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھەيۋەتلىك گۈمبەزنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ بەش مېتىر قېلىنلىقتىكى ھويلا تېمى چېركاۋنى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزگەن. گەرچە چېركاۋ ئەتراپى قايناق بازار بولسىمۇ، چېركاۋغا كىرسىڭىز بىر خىل تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان سەنئەتتىن باشقا، يەنە ئېتىقادنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر خىل كۈچ بار. بۇنداق كۈچ كىشىگە ئۆزىنى قانداق تىنچلاندۇرۇشنى، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.

      روسىيىلىك بىر يازغۇچى ئېيتقاندەك، سانكت پېتېربۇرگ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شەھەر. سانكت پېتېربۇرگنىڭ كۆك رەڭلىك تاش ۋە شېغىل ياتقۇزۇلغان كوچىلىرىنى ئارىلاپ، قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنى كۆرگىنىڭىزدە، بۇ شەھەر باشتىن كەچۈرگەن ئەگرى – توقاي تارىخنى ھېس قىلالايسىز. 300 يىل ئىلگىرىكى بۇ قۇرۇلۇشلار ھازىر بارلىق مەۋجۇداتلارغا جىمجىت نەزەر سېلىپ تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. كىشىلەر ئىلگىرى سانكت پېتېربۇرگنى چۈشەنمىگەن بولسا ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم ھەيۋىتىنى بارا – بارا تونۇپ يەتمەكتە.

      ئىشىنىمەنكى، ئەگەر ۋاقىت چىقىرىپ سانكت پېتېربۇرگقا بارسىڭىز، بۇ شەھەرنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىسىز.

قادىر مۇھەممەد تەرجىمىسى

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر