باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئۈلگىلىك پىيونېر مېھرىبان

قۇربانجان توختى (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز)

      – مەكتىپىمىزدە مېھرىبان ئىسىملىك بىر قىز بار. ئۇ تولىمۇ ئەقىللىق، تىرىشچان، دەرسلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ئۇ يەنە مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى. ئۇنىڭ سىز ئاڭلىغۇدەك خېلى گەپلىرى بار. شۇ قىزنى زىيارەت قىلىپ باقسىڭىز بوپتىكەن، – دېدى ئاتۇش شەھەرلىك ئاقىللار مەكتىپىنىڭ باش تەربىيەچىسى لى مۇئەللىم 5 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى مەن بىلەن مۇڭداشقاچ.

      مېھرىباننى زىيارەت قىلغىلى بارغىنىمدا ئۇ ئاتۇش شەھىرىدىكى پىيونېرلارغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۈرۈمچى، شىخەنزە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىسىدىكى پائالىيەتكە يېڭىلا قاتنىشىپ كەلگەنىكەن. ئۇ مەقسىتىمنى بىلگەندىن كېيىن پائالىيەتتە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى. سۆھبەت داۋامىدا ئۇنىڭ ناھايىتى ئوچۇق – يورۇق، چىقىشقاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمەپتۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپتۇ. شۆ تېڭ ئىسىملىك خەنزۇ دوستى بىلەن ئىناق ئۆتۈپىتۇ. مېھرىبان ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىپ قويۇپتۇ، شۆ تېڭ ئاغرىپ مەكتەپكە كېلەلمىگەندە مېھرىبان ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەرس تەكرارلاپ بېرىپتۇ. مېھرىبان ‹‹قوش تىل››دا ھېكايە سۆزلەشكە ئىنتايىن ئامراق ئىكەن. كىتابلاردىن ئوقۇغان ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى››نى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىغا سۆزلەپ بېرىدىكەن.

سۈرەتتە: مېھرىبان (سولدا) ساۋاقدىشى بىلەن بىللە.

      مېھرىبان رەسىم سىزىشقىمۇ ھېرىسمەن ئىكەن. ئۇ سىزغان 20 نەچچە پارچە رەسىم مەكتەپ كۆرگەزمىگە، ئىجادىيەت سەھنىسىگە قويۇلۇپتۇ. 2009 – يىلى ئۇنىڭ ‹‹چۈشۈم›› ناملىق رەسىمى مەملىكەتلىك 3 – نۆۋەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە قىزىلسۇ ئوبلاستى بويىچە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپتۇ. 2010 – يىلى ‹‹ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك تىپلارنى تونۇشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ھېكايە سۆزلەش›› مۇسابىقىسىدە ئاتۇش شەھىرى بويىچە بىرىنچىلىككە، ئوبلاست بويىچە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر