باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ياخشى سۆز تاشنى يارار

      ساۋاقداشلار، سىلەر ‹‹ياخشىمۇسىز››، ‹‹جاپا چەكتىڭىز››، ‹‹كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن››، ‹‹خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن››... دېگەندەك ئاددىي ئەمما سەمىمىي، قىزغىن، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ھال سوراش سۆزلىرىگە سەل قارىماڭلار، ئۇلار خۇددى ئىللىق ئېقىمدەك ناتونۇش كىشىلەرنى كونا تونۇشلارغا ئايلاندۇرالايدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنى تۈگىتەلەيدۇ، جەمئىيەتنى تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ.

      قوشنىلارنىڭ ئىجىل – ئىناق ئۆتۈشى زامانىۋى جەمئىيەتتىكى مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلار ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى. قوشنىلار ئارا دوستانە كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا دائىم سالاملىشىپ ئەھۋال سوراپ تۇرۇشىمىز، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملىشىشىمىز كېرەك.

      بىز 21 – نويابىر ‹‹دۇنيا ھال سوراش كۈنى››دە قوشنىلاردىن ھال سورىغاندىن سىرت تور، تېلېفون ئارقىلىق ياكى يۈزتۇرانە تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىدىن، بىمارلارنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋاتقان دوختۇرلاردىن، مەرىپەت نۇرى تارىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن، سودا سارايلىرىدا باھاردەك ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان مال ساتقۇچىلاردىن، چېگرادا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن، يەر ئاغدۇرۇۋاتقان دېھقان تاغىلاردىن، ئۆيى يىراقتا قالغان ‹‹قول تۇتۇشۇش››قان كىچىك دوستلاردىن... ھال سورايلى، تۇرمۇشىمىز ھال سوراش سۆزلىرى، كۈلكىگە تولسۇن، ھال سوراش سۆزلىرى ئاغزىمىزدىن تۆكۈلۈپ تۇرسۇن، قەلب قەسىرىمىز سەمىمىيلىكتە نۇرلانسۇن!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر