باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

تىلەمچى بىلەن بايلار

      بىر كۈنى بىرنەچچە ناھايىتى گۇمانخور باي يىغىلىپ بېلىق شورپىسى بۇيرۇتۇپتۇ. بايلارنىڭ بۇ بېلىق شورپىسىنى شۇنچە ئىچكۈسى بولسىمۇ، بىراق گۇمانخورلۇقىدىن ھېچقايسىسى ئىچىشكە پېتىنالماپتۇ. تۇيۇقسىزلا بىرەيلەن:

      ‹‹قاراڭلار، كۆۋرۈك بېشىدا بىر تىلەمچى ئولتۇرىدۇ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا بۇ شورپىدىن ئازراق ئىچكۈزۈپ باقايلى، ئەگەر ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىسا، ئاندىن بىز ئىچەيلى›› دەپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ.

      شۇنداق قىلىپ بۇ ئېسىل تائامغا تىلەمچىمۇ ئېغىز تېگەلەيدىغان بوپتۇ. مۇلازىم بىر قاچا توقماق بېلىق شورپىسىنى تىلەمچىگە ئاپىرىپ بېرىپتۇ ۋە: ‹‹بۇ توقماق بېلىق شورپىسى، بۇنى ئاۋۇ بايلار ساڭا بەردى›› دەپتۇ.

      بايلار 15 مىنۇت ساقلاپتۇ ۋە تىلەمچىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم ھالدا بۇ تائامغا ئېغىز تېگىپتۇ. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بايلار قۇرسىقىنى تۇيغۇزۇپ بولۇپ، ئۆيلىرىگە قايتماقچى بولۇپ تىلەمچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن تىلەمچى ئۇلارنى چاقىرىپ: ‹‹بايىقى توقما بېلىق شورپىسىنى ئىچتىڭلارمۇ؟›› دەپ سوراپتۇ.

      – شۇنداق، ئىچىپ بولدۇق، ئەسلىدە بىز ساڭا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ.

      – نېمىشقا ماڭا رەھمەت ئېيتىسىلەر؟ ئەسلىدە سىلەرگە مەن رەھمەت ئېيتسام بولىدۇ.

      بايلار تىلەمچىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا تىلەمچى ئەسكى سېۋىتىدىن توقماق بېلىق شورپىسى قاچىلانغان ھېلىقى قاچىنى چىقىرىپ: ‹‹سىلەر بۇ شورپىنى ئىچىپ ھېچنېمە بولمىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا مەنمۇ خاتىرجەم ئىچسەم بولغۇدەك›› دەپتۇ ۋە قاچىنى كۆتۈرگىنىچە شورپىنى ئىچىۋېتىپتۇ.

      بايلار تىلەمچىگە قاراپ تۇرۇپلا قاپتۇ.

      ھېكمەت: تاشقى قىياپەت، سالاھىيىتىگە قاراپلا بىر ئادەمگە باھا بېرىشكە بولمايدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى ياكى ھاياتلىقتا تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنىڭ تاشقى قىياپەت بىلەن قىلچىلىق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە تولا ئەخمىقانىلار(گۇمانخورلار)چە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى ئەقىللىق ياكى ئېسىلزادىلەردىن دەپ چاغلىۋالىدىغان كىشىلەردۇر.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر