باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئالىملار 2010 – يىلى ئىلىم – پەن ساھەسىدە 10 چوڭ بايقاشقا ئىگە بولدى

      ئامېرىكىدىكى ‹‹دەۋر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلى يېقىندا 2010 – يىلى ئالىملار بايقىغان 10 چوڭ ئىلىم – پەن يېڭىلىقنى خۇلاسىلىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشتىن تارتىپ ئىلىم – پەن يېڭىلىقلىرىغىچە، پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن تارتىپ ئاسترونومىيەگىچە بولغان ساھەلەردە قولغا كەلگەن يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسى بار.

 

يەر شارىدا 15 مۈڭگۈزلۈك دىنازاۋۇر ياشىغان

      ئالىملار ‹‹تاج مۈڭگۈزلۈك دىنازاۋۇر›› دەپ ئاتىغان 15 مۈڭگۈزلۈك بۇ جانلىق 76 مىليون يىل مۇقەددەم ئامېرىكىنىڭ يۇتا ئىشتاتىدا ياشىغان، ئېغىرلىقى 2500 كىلوگىرام كېلىدىغان بۇ تاشقاتما 2007 – يىلى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىملار ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۈتلۇقىنى 2010 – يىلى سېنتەبىردە ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىسىم قويغان. ئالىملار ئۇستىخان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭدىن 65 مىليون يىل بۇرۇنلا بۇ خىل جانلىقنىڭ ئامېرىكىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا ياشىغانلىقىنى يەكۈنلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بايقىشىدىن ھەيران قالغان، چۈنكى بۇ بىر مۆجىزە ئىدى.

 

B مېزوننىڭ بىتەرەپ ھەرىكىتى

      ئامېرىكا فوم دۆلەت تەجرىبىخانىسىدا ئالىملار ئەڭ يېڭى ئېلېمېنت سوقۇشتۇرۇش ماشىنىسىدا تەجرىبە ئىشلىگەندە، بىتەرەپ B مېزوننىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىنى بايقاپ ھەيران قالدى. ئالىملار كېيىن چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېيىشتى: ‹‹ئالەمدە چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەندە، ئوخشاش مىقتاردا ماددا ۋە ئۇنىڭغا قارشى ماددا پەيدا بولغان›› دېگەن قاراش شەكىللەنگەنىدى، بىراق بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكى كېيىن دەلىللەندى. ئەڭ ئاددىي ساۋات شۇكى، ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ ھالاك بولىدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئىككى ئامىل ئارىسىدا يەنە بىر نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەندۇق. مانا ئەمدى B مېزون بايقالدى، مۇشۇ خىل ئىككى ياقلىمىلىق ئامىل مەۋجۈت بولغاچقىلا، دۇنيا بارلىققا كەلگەن››.

 

 ئاي شارىدا سۇ مەنبەسى ناھايىتى مول ئىكەن

      ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر يېقىلغۇسى تۈگىگەن راكېتانى ئاي شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇبىغا سوققاندىن كېيىن، بۇ ھالنى كۆزىتىپ تۇرغان سۈنئىي ھەمراھ مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئاي شارىدا سۇ بار، بولغاندىمۇ بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىن %54 كۆپ. بۇ سۇنى ئالماق ناھايىتى ئاسان بولۇپلا قالماستىن، ئېلىش تەننەرخىمۇ تۆۋەن. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئاي شارىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتىپ ئاشىدۇ.

 

مۈشۈك سۇ ئىچكەندە نېمىشقا ئاستىنقى كالپۇكى بىلەن بۇرۇتى ھۆل بولمايدۇ؟

      ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار ئېرىشكەن يېڭى پاكىتلاردا مۇنداق ئەھۋال چۈشەندۈرۈلدى: سۇ ئىچكەندە مۈشۈكنىڭ ھەرىكىتى تولىمۇ سىپتا بولىدۇ، يەنى ئۇ تىلىنى تۆۋەنگە يۆگەپ قاچىسىدىكى سۇنى سۇنىڭ يۈز قىسمىدىن باشلاپ ئىچىدۇ، بۇ چاغدا مۈشۈك تىلىنىڭ قاتلىنىشى سېكونتىغا تۆت قېتىمغا يېتىدۇ. مۈشۈكنىڭ تىلى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى – تۆۋەن ھەرىكەتلەنگەندە، بۇ خىل دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەت يۇقىرىغا يۈزلەنگەن كۈچ دەستىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان كۈچلۈك تارتىش كۈچى، ئىزچىللىققا ئىگە ھەرىكەت ئۇسۇلى ۋە سۇيۇق جىسىمنىڭ ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن ئۈنۈم تولىمۇ ئىجابىي بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىم ئېچىلىدىغان سۇنىڭ مىقتارى 0.1 مىللىلىتىردىن ئاشمايدىغان بولغاچقا، سۇ ئىچىش داۋامىدا سۇ چاچراپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈنمەيدۇ، شۇڭا مۈشۈكنىڭ لەۋلىرى، ئېڭىكى ۋە بۇرۇتلىرىغا سۇ تەگمەيدۇ. ئىتنىڭ ھەرىكىتى مۈشۈكنىڭ ھەرىكىتىگە دەل قارشى كەلگەچكە، ئىت سۇ ئىچكەندە ئېڭەك ۋە لەۋلىرى شالتاق بولۇپ كېتىدۇ.

 

 مېكسىكىدىكى ئەلئېھرامنى ماشىنا ئادەم تەكشۈردى

      مېكسىكىدىكى تېئوتخۇاكان ئەلئېھرامى تا ھازىرغىچە بىر سىر ئىدى. مۇتەخەسىسلەر 2010 – يىلى ئۇنىڭ ئىچىگە سىنئالغۇ ئېلىپ ماڭغان ماشىنا ئادامنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كەڭلىكى 3.65 مېتىر كېلىدىغان بىر كارىدورنى بايقىدى. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: 2000 يىل مۇقەددەم بىنا قىلىنغان بۇ كارىدور ئەينى چاغدىلا ئېتىۋېتىلگەن، ئۇ بەلكىم ئەلئېھرام ئىچىدىكى نەزىر سۇپىسىغا تۇتۇشىشى مۇمكىن. ناۋادا بۇ قاراش دەلىللەنسە، بىز ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بۇ قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

 

 قېرىلىقنى كونترول قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە گېن

      نېمىشقا تەڭ قۇراملىق كىشىلەرنىڭ ياشىنىش دەرىجىسى ئوخشىىمايدۇ؟ ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسىسلەر 2010 – يىلى TERC بەلگىلىك ئۈزۈلگۈچى فېرمېنرنى بايقىدى ھەمدە ئۇنىڭ رولىنىڭ قېرىشقا، ئاغرىق – سىلاققا تەسىر كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: فېرمېنت شەكلىدە گەۋدىلىنىدىغان بۇ خىل گېن ھالقىسى كۆپ بولسا، ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتى ئۈچ ياكى تۆت يىل ئاستىلايدۇ. بىز بۇ خىل قاراشنى دەلىللەش ئۈچۈن، چاشقاننىڭ ئۆلگەن TERCنى تىرىلدۈرۈۋالدۇق ئۇنىڭ ئەزالىرى ياشىرىپ، كۆپىيىش ئىقتىدارى جانلاندى.

 

 يوشۇرۇن يېڭى ئېلېمېنت

      روسىيەلىك ئالىملار 2010 – يىلى مولېكۇلانىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش تەجرىبىسىدە غايەت زور نەتىجىگە ئىگە بولدى، يەنى ئۇلار ئېلېمېنتلار دەۋر جەدۋىلىدە 117 – ئورۇنغا تىزىشقا بولىدىغان يېڭى ئېلېمېنتنى بايقىدى. گەرچە كالتىسىي (Ca) بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان بۇ ماددا مۇقىملىق جەھەتتە چەككە يەتمىگەن، بەلگىلىك ۋاقىتتا يوقاپ كېتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئېلېمېنتلار دەۋر جەدۋىلىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇشقا لايىق.

 

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سانى كۆپەيدى

      ئاسترونوملار ھەر ۋاقىت ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ‹‹نوپۇس››ىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. 2010 – يىلى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ نوپۇسىغا نۇرغۇن ‹‹يېڭى ئەزا›› قوشۇلدى. بولۇپمۇ ‹‹HIP130446›› بەلگىلىك يۇلتۇزنىڭ بايقىلىشى كىشىلەرنى سامان يولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى تەتقىق قىلىشقا جەلپ قىلدى، چۈنكى بۇ يۇلتۇز باشقا يەتتە ھەمراھى بىلەن قانداقتۇر بىر چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ چۆگىلەيدىكەن. ‹‹Gliese58lg›› بەلگىلىك تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ بايقىلىشى كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇردى، چۈنكى ئۇ ئۆزى مەۋجۇت سىستېمىنىڭ ‹‹ئولتۇراقلىشىشىغا باب›› بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالىملار ئۇنىڭ بىر مەدەنىيەتلىك دۇنيا بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىپمۇ قالدى.

 

‹‹كۆرۈنمەس كىيىم›› تىكىش ئېھتىماللىقى بارلىققا كەلدى

      ئەنگلىيەلىك نۇر ئىلمى مارتېن مىكال 2010 – يىلى دەرىجىدىن ھالقىغان ماددا ياكى باشقا مولېكۇلا قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ماگنىت مەيدانى ئىقتىدارىنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان چارىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ‹‹كۆرۈنمەس كىيىم›› تىككىلى بولىدىغانلىقىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ خىل ماددا نۇرنىڭ سۇنۇشىغا توسالغۇ بولۇپ قايتا گەۋدىلەنگەندە، تەڭپۇڭسىزلىق بۇزۇلىدۇ – دە، ۋاقىت ۋە بوشلۇقتا پارتلاش كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەملەرنىڭ كۆزدىن يوقاش ئېھتىماللىقى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ››. بىراق بەزى ئالىملار بۇ قاراشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن گۇمان قىلىپ قالدى، چۈنكى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە بىر نەچچە مىنۇت كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن، 100 مىليون مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تەڭپۇڭلۇقىدىن ئايرىلغان نۇر بولۇشى كېرەك ئىكەن.

 

جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يېڭى ئىرقى بايقالدى

      ئالىملار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مالاپا ئۆڭكۈرىدىن بۇنىڭ 2 مىليون يىل بۇرۇنقى قەدىمكى ئىنساننىڭ ئىككى قاتقاتمىسىنى بايقىدى، ئۇلارنىڭ بىرى، قۇرامىغان ياتمىگەن ئوغۇل بوۋاق؛ يەنە بىرى، قۇرامىغا يەتكەن ئايال ئىكەن. قىسمەن قەدىمكى جانلىقلار مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ مەزگىلدىكى ئىنسان ئىرقى مامات يولىدا ئەسىر بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىنسانىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق››. بىراق تېخىمۇ كۆپ قەدىمكى جانلىقلار ئالىملىرى مۇنداق دېيىشتى: ‹‹بۇ تاشقاتما ئادەمسىمان مايمۇن بىلەن ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇجەسسەملىگەن، بەلكىم ئۇلار ئۆرە مېڭىشنى ئۆگەنگەن ئىنساننىڭ ئەجدادى، ئۆرە مېڭىشنى ئۆگەنگەن ئىنسان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنسان ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ئەجدادى بولۇشى مۇمكىن››.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر