باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

كۆڭۈللۈك پائالىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش

دەي ياجۈەن

      ‹‹تىرىشىپ ئۆگىنىش، خۇشال ياشاش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش›› باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ 5 – نۆۋەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر – بالىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى.

      ‹‹تىرىشىپ ئۆگىنىش›› ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى؛ ‹‹كۆڭۈللۈك ياشاش›› ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى؛ ‹‹ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش›› ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش نىشانى. ‹‹تىرىشىپ ئۆگىنىش›› ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى، ئۆسمۈر – بالىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنى ھەقىقىي كۆڭۈللۈك ياشاشقا ئېرىشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى ئۆسمۈر – بالىلار خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى. بۇنى ئەترەت خىزمىتىدە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرگەندە پىيونېرلار كۆڭۈللۈك پائالىيەت قىلالايدۇ.

      1. كۆڭۈللۈك پائالىيەتنى يېتەكچى قىلىش

      كۆڭۈللۈك پائالىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپى — پىيونېرلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پىيونېرلارنى تەشكىللەپ، دېموكراتىك ئەركىن پائالىيەت بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، پىيونېرلارنىڭ ھەممىسىنى قاتناشتۇرۇپ، ھەممە ئادەمنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەممە ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كۆڭۈللۈك پائالىيەت داۋامىدا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش.

      1) ھەممە ئادەم قاتنىشىش

      (1) كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلغاندا ھەربىر پىيونېرنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتى كۆپىيىپ، پائالىيەت جەريانىدا مېڭە ئىشلىتىدۇ ۋە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىنى تاپالايدۇ. پىيونېرلار خىزمەت ئورنىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلالايدۇ.

      (2) پائالىيەتنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولغاندا پىيونېرلارنىڭ تاللاش دائىرىسى كېڭىيىپ ھەربىر پىيونېر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان پائالىيەتنى تاپالايدۇ. پائالىيەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق پىيونېرلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ‹‹مېنى تاللىسا قاتنىشىمەن›› دېگەندىن ‹‹مەن قاتنىشىمەن›› دېگەن ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

      2) ئالغا ئىلگىرىلىگەنلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش

      (1) پائالىيەت جەريانىدا تەربىيەچىلەر كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، پىيونېرلاردىكى ياخشى ئۆزگىرىشلەرنى، بولۇپمۇ پائالىيەت جەريانىدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا ئائىت بىر قىسىم ئالامەتلەرنى تېپىپ چىقىشى، پىيونېرلارنىڭ ئويى ۋە ئۇسۇلىغا قارىتا دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەربىر پىيونېرنى پىكىر – تەكلىپلەرنى ئاڭلاشقا، قول سېلىپ ئىشلەشكە، مېڭە ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدا پىيونېرلار پەقەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش خۇشاللىقىنىمۇ ھېس قىلالايدۇ.

      (2) پىيونېرلارنىڭ تەپەككۇرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا تەربىيەچىلەر زۆرۇر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ، ئەمما پىيونېرلارنىڭ ئورنىغا پائالىيەتكە قاتناشسا بولمايدۇ. پائالىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسىمۇ ھېچقىسى يوق. تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق كۆزلىگەن نىشانغا يېقىنلاشتۇرۇپ خۇشاللىققا ئېرىشتۈرەلەيلى.

      (3) تەربىيەچىلەر تونۇش ياكى ناتونۇش پائالىيەت ئارقىلىق پىيونېرلارنى يېڭىچە مەنزىرىگە باشلاپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئاسان قىزىقىدىغان ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پىيونېرلارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغاندا ئۇلار ئىزدىنىش جەريانىدا خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ.

      3) مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش

      (1) ئۆز جايىنىڭ بايلىق مەنبەسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە پىيونېرلانىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن شەكلى ھەرخىل، مول مەزمۇنلۇق، تەسىرلىك، جانلىق بولغان ‹‹ئۈچكە يېقىنلىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا ھەربىر پىيونېر تىرىشىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

      (2) پائالىيەت نىشانىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئاستا قەدەم بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەربىر پىيونېرنى ئۆز ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغاندا بەلگىلەنگەن ھەربىر نىشانغا يېتىش مۇساپىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش خۇشاللىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

      (3) ئىتتىپاق، ئەترەت ھەمكارلاشقان پائالىيىتىنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، شەخسىيلەر رىقابەتلىشىدىغان پائالىيەتنى ئازراق ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇنىڭدا پىيونېرلارغا كوللېكتىپنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىپ، كوللېكتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارقىلىق شەخسىي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

      4) ساغلام، بىخەتەر بولۇش

      (1) ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى، بىلىم تەربىيەسى، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنى پىيونېرلار ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتكە سېڭدۈرگەندە پىيونېرلارنىڭ بىلىمى ئاشىدۇ، قابىلىيىتى ئۆسىدۇ، كەيپىياتى تاۋلىنىدۇ. شۇڭا، پائالىيەت لايىھەلىگەندە بەلگىلىك تەربىيە ئامىلىنى كىرگۈزۈپ، پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا تەربىيە يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، پىيونېرلارنى پائالىيەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى يۈرەكلىك سۆزلەشكە دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشىگە ياردەم بېرىپ، پىيونېرلار بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىگە تەدبىقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پىيونېرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

      (2) بىخەتەرلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش. يېڭى، ئاجايىپ پائالىيەتلەرنىڭ جەلپكارلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەمما يېڭى، ئاجايىپ بولۇشنى قوغلىشىپ پىيونېرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەل قارىساق بولمايدۇ. قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھەرىكەت بولسا ئالدى بىلەن تەربىيەچىلەر ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەندە پىيونېرلار باشقىلارنى قوغداش ۋە ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. پائالىيەت ئوت، توك، گاز ئىشلىتىلىدىغان ياكى سىرتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولسا چوقۇم تەربىيەچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. چۈنكى، پەقەت بىخەتەر مۇھىتتىلا خۇشاللىق بولىدۇ.

      2. كۆڭۈللۈك پائالىيەتنى يولغا قويۇش ئۇسۇلى

      پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئالدى بىلەن پىلانلاش ۋە تەشكىللەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

      1) پىلانلاش ياكى پائالىيەتنى تاللاش

      (1) پائالىيەتنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش: تەربىيەچىلەر پائالىيەتنى پىلانلىغاندا ياكى تاللىغاندا پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن قاراتمىلىق ھالدا پىلانلىشى ياكى تاللىشى كېرەك. مەسىلەن، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى پىيونېرلارنىڭ كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش بولسا، ئۇنداقتا پىلانلىغان ياكى تاللىغان پائالىيەت چوقۇم كوللېكتىپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ئورۇندىغىلى بولىدىغان پائالىيەت بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن پائالىيەتلەر تەشكىللىنىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۈمكىن، ئەڭ ياخشى نەتىجە پىيونېرلار ئېرىشكەن نەتىجە بىلەن تەربىيەچىلەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ بىردەك بولۇشىدۇر.

      (2) پىيونېرلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىش، پىيونېرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش. بۇ پىيونېرلارنىڭ يېشى، جىنسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، كەچۈرمىشى، قابىلىيىتى، ئائىلە ئەھۋالى شۇنداقلا پائالىيەتكە بولغان ئىنتىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلمىي ئانالىز قىلىش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىپ، قاراتمىلىققا ئىگە پائالىيەتنى تاللىغاندا ياكى پىلانلىغاندا پائالىيەت پىيونېرلارنىڭ جىسمانىي، روھىي، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، پىيونېرلارنىڭ سەۋىيەسى بىلەن بىردەك بولىدۇ ھەم پىيونېرلارنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

      (3) دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش. پىلانلانغان ۋە تاللانغان پائالىيەت دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن، پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتلارنى چۆرىدىگەن بولۇشى كېرەك، پائالىيەتتە بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتقاندا دەۋر ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ.

      (4) ئۆز جايىنىڭ بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىش. ئۆز جايىنىڭ بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ پائالىيەتنى پىلانلىغاندا ۋە تاللىغاندا پائالىيەتنى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ۋە بازىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. تونۇش ھەم ناتونۇش مۇھىتتا پىيونېرلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

     (5) پائالىيەت تەرتىپى، قۇرۇلمىسىنى تۈزۈش. يۇقىرىقى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا پائالىيەتنىڭ يېتەكچى پىلانىنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ. پائالىيەت تەرتىپى: بىرىنچى، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى؛ ئىككىنچى، پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش؛ ئۈچىنچى، پائالىيەت جەريانى؛ تۆتىنچى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار.

      2) تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش

      (1) تەشۋىق قىلىپ ھەرىكەتلەندۈرۈش. پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن رادىيو، ‹‹قارا تاختا›› گېزىتى، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پائالىيەت مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلىپ، پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. پىيونېرلار پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقاندا پائالىيەت جەريانىدا خۇشاللىق ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ.

      (2) كۆڭۈللۈك كوللېكتىپ بەرپا قىلىش. قىزىقىشى، قابىلىيىتى، ئارتۇقچىلىقى، ئائىلە ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتتىن ئوخشىمىغان بالىلاردىن بىر كوللېكتىپ تەشكىللىگەندە پىيونېرلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىش، كوللېكتىپ ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەمكارلىشىش شارائىتلىرىنى يارىتىپ، دوستانە ئالاقىلىشىدىغان ئىناق، كۆڭۈللۈك كوللېكتىپنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

     (3) نىشان بەلگىلەش. پىيونېرلارنىڭ چۈشىنىش سەۋىيەسى ۋە قابىلىيىتىگە ئاساسەن پائالىيەت نىشانىنى بەلگىلەپ، بالىلارغا بىرقەدەر ئەركىن پائالىيەت قىلىدىغان بوشلۇق يارىتىپ بەرگەندە پىيونېرلار يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش جەريانىدا مۇستەقىل ئۆگىنىپ، خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، بىلىم ئېلىشنىڭ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

      (4) ياردەم بېرىش. پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغاندا تەربىيەچىلەر ھەم تەشكللىگۈچى، ھەم ماسلاشتۇرغۇچى سۈپىتىدە پىيونېرلارنىڭ مۇستەقىللىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشى، ھەرگىزمۇ ئورنىغا ئۆزىنى دەسسەتمەسلىكى، مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك. بولۇپمۇ پىيونېرلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلاردا مەسىلەن، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ئورگانلار بىلەن بولغان ئالاقە، پائالىيەت سورۇنىنى ئارىيەتكە ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە تەربىيەچىلەر مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پىيونېرلار ناتونۇش مۇھىتتا تېڭىرقاپ قالغاندا ئۇلارنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن تونۇشۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلاردىكى قورقۇش ۋە ئەنسىرەشنى تۈگىتىشى كېرەك. پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر يولىدا توسالغۇ پەيدا بولغاندا تەربىيەچىلەر ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئومۇمەن تەربىيەچىلەر پائالىيەت جەريانىدا كۆپ ئەسكەرتمە بېرىپ، پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بېرىپ، شەخسىي ۋە كوللېكتىپنى ئىلگىرىلىتىشى كېرەك.

      (5) تېز ئىنكاس قايتۇرۇش. پائالىيەت جەريانىنى كۆپرەك، نەتىجىسىنى ئازراق باھالاش كېرەك. تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتتىكى ئىپادىسىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپلا قالماي پىيونېرلارغا تىرىشىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، پىيونېرلاردا بايقالغان ياخشى ئەخلاق، ياخشى ئادەتلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پىيونېرلارنىڭ تىرىشىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ئىجادچانلىقى مەدەتكە، ئالغا بېسىشى ماختاشقا، مۇۋەپپەقىيىتى ئالقىشقا ئېرىشىشى كېرەك. ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ شەكلى ھەر خىل، ھەر ياڭزا بولۇشى، سۆز بىلەنلا ئەمەس، چاۋاك ياكى كۈلۈمسىرەش، بېشىنى لىڭشىتىش قاتارلىق ھەرىكەت ئىپادىلىرى ئارقىلىقمۇ بولۇشى كېرەك.

      (6) تەجرىبە توپلاش. تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى پائالىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى يەكۈنلەشكە تەشكىللىشى كېرەك. پىيونېرلار ئۆزئارا ئۆگەنگەندە، تەجرىبىدىن ئورتاق ھۇزۇرلانغاندا تەجرىبە ساۋاقنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەدبىقلىيالايدۇ. پائالىيەتنى خۇلاسىلىگەندە تەربىيەچىلەر ئىجابىي يېتەكلەشنى ئاساس قىلىشى، تەنقىدلىمەسلىكى، پىيونېرلارنى تەجرىبە – ساۋاقنى يۈكۈنلەشكە ئويۇشتۇرۇشى، مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى ئاشۇرۇش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر