باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

ياڭاق

 

 

     

 ياڭاق — شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭدا ياڭاقنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن. ئەسلىدە پەقەت دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئەتراپىدا پارچە – پۇرات ئۆستۈرۈلەتتى. خوتەن، قاراقاش، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا نەچچە يۈز يىللىق ياڭاق دەرەخلىرى بار. دەرەخ تاجىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 ~ 700 كوۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بىر تۈپتىن 200~300 كىلوگرام ياڭاق ئالغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق رايونلار تۇتاش ياڭاق ئورمانلىقىنى بەرپا قىلدى. 2000 – يىلى ساقلاپ قېلىنغان دەرەخ كۆلىمىنىڭ كۆلىمى (يالغۇز تۈپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 868.5 گېكتار، بىرلىك مەھسۇلاتى 13 مىڭ 814 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 11 مىڭ 899 توننا بولغان. ياڭاق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ئاساسلىقى خوتەن، قەشقەر ، ئاقسۇ بولۇپ، بايىنغۇلىن ئوبلاستى ئۇلاردىن كېيىن تۇرىدۇ، تۇرپان ۋىلايىتى ۋە قۇمۇلدا ئاز مىقداردا تارقالغان. شىنجاڭنىڭ ياڭىقىنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا، ئادەتتە ھەر بىر كوۋادرات دەرەخ تاجىسى سايە چۈشۈرگەن كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ياڭاق مېغىزى 0.45 كىلوگرام، يەككە مېۋە ھەجىمى 35~40 كۇب سانتېمىتىر، مېغىز چىقىش نىسپىتى %50~ %65، ياغ تەركىبى نىسپىتى%65~%70، قاتتىق پوستلۇق مېۋىسىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەتنىڭ ئەلا دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتكەن. ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق دەرىخى سورتلىرىدىن ‹‹ۋۇ 417 ››، ‹‹شىنشىن–2›› ۋە يېڭىدىن تاللاپ يېتىشتۇرۇلگەن سورتتىن ‹‹شىنۋېن 185››، ‹‹شىنۋېن 81››، ‹‹شىنفىن 179››، ‹‹شىنۋېن 333››، شىنفېڭ ، شىنگۇاڭ، شىنلۇ قاتارلىقلار بار. شىنجاڭدا ياڭاقنىڭ 100 خىل سورتى بار.

ياڭاق مېغىزى

ياڭاقنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى تاغلىق، قۇملۇق، سازلىق، شورلۇق يەرلەردە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، فوسفور، كالىتسىي، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، سانائەت ۋە دورىگەرلىكتە كۆپ ئىشلىتىلدۇ. بولۇپمۇ، ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە يود مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. شېخى ۋە يوپۇرمىقى ھەرخىل ئۆسمە ۋە بەدەن قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، شۇنداقلا ئائىلىلەردە يۇڭ كېيىم – كېچەك ۋە گىلەملەرگە كۈيە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئىشلىتىلدۇ. ياغىچى بولسا ھاۋا قاتنىشى ۋە ھەربىي سانائەت، تامغا ياساش قاتارلىق ئالاھىدە خام ماتېرىيال، مېۋە پوستى دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابىنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىك ماتېرىيالى.

خوتەندىكى قەدىمىي ياڭاق دەرىخى

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر