باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

تىرىشقان ئاشار

 

ئايشەمگۈل جاپپار(مۇخبىرىمىز)

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 92 – باشلانغۇچ مەكتەپ 6 – يىللىق 2 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نەفىسە ئابلىز تىرىشچانلىقى، ئەستايىدىللىقى ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايىللىقى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتقان تىرىشچان غۇنچىلارنىڭ بىرى.

      نەفىسە كىچىكىدىنلا ئىشنى ئەستايىدىل قىلاتتى. ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەۋسۇم بېشىدىلا پىلان تۈزۈپ ئۆگىنىش ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ئۇ ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە ھەر كۈنى مەكتەپكە يېرىم سائەت بۇرۇن كېلىپ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تازىلىق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ھەر كۈنى تاپشۇرۇق دەپتەر يىغقاندا ساۋاقداشلىرىنىڭ تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلىگەن – ئىشلىمىگەنلىكىنى تەكشۈردى. چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، تاپشۇرۇقنى تولۇقلاپ ئىشلىشىگە ياردەم بەردى. نەقىسەنىڭ خەنزۇ تىلى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا خەنزۇ تىلىدا يېتىشەلمەيۋاتقان ساۋاقداشلىرىغا ھەر كۈنى كەچتە ھەم دەم ئېلىش كۈنلىرى تەكرار قىلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بەردى. ساۋاقدىشى مۇنىرەنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتكەندە ئۇ ساۋاقداشلىرىنى مۇنىرەگە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى ھەم يىغقان پۇللىرىغا تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىپ مۇنىرەگە بەردى. نەفىسەنىڭ سىنىپ مەسئۇلى خەيرىنىسا مۇئەللىم پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹نەفىسە تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل. ئۇ دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ، ۋەزىپە تاپشۇرسام جان – دىلى بىلەن ئورۇندايدۇ. سىنىپنىڭ چوڭ – كىچىك پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچە خېتى چىرايلىق بولغاچقا سىنىپنىڭ ›قارا تاختا‹گېزىتىنى ئىزچىل سۈپەتلىك ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى››.

    سۈرەتتە: نەفىسە (ئوتتۇرىدا) ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە.

  نەفىسە ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى. ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىسىنىڭ ‹‹ئۈمىد چىچەكلىرى›› پىروگراممىسىغا ئۈچ قېتىم قاتنىشىپ ئىنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ يەنە مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹ئۆگىنىش يۇلتۇزى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئۆگىنىش ئۈلگىسى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى››، ‹‹ئون ياخشى›› ئوقۇغۇچىىنىڭ بىرى، ‹‹ئەدەپ – ئەخلاقتا ياخشى ئوقۇغۇچى›› قاتارلىق ناملار بىلەن 22 قېتىم تەقدىرلەنگەندىن سىرت مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چىرايلىق خەت يېزىش، نەق مەيداندا ماقالە يېزىش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم بىرىنچى، ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر