باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

مۆجىزە ياراتقۇچى ئىلىم – پەن

      سۇلياۋ سىزغۇچنى چېچىمىزغا بىرنەچچە قېتىم سۈركىگەندىن كېيىن قەغەز پارچىسىنى يېقىنلاشتۇرساق نېمىشقا يېپىشىۋالىدۇ؟ چوكىنى سۇ قۇيۇلغان ئىستاكانغا سالساق نېمىشقا سۈنۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ؟ ئاپتوبۇستا كېتىۋاتقاندا جىددىي تورمۇزلانسا ئادەم نېمىشقا ئالدىغا سەنتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؟ ساۋاقداشلار، سىلەر تۇرمۇشتىكى مۇشۇنداق ‹‹غەلىتە ھادىسە››لەرگە دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟

      ئەمەلىيەتتە بۇنداق ‹‹غەلىتە ھادىسە››لەرگە خىلمۇخىل ئىلمىي قائىدىلەر يوشۇرۇنغان. مەسىلەن، سۇلياۋ سىزغۇچ چېچىمىزغا سۈركىلىپ زەرەتلەنگەچكە قەغەز پارچىسى يېپىشىۋالىدۇ؛ نۇر سۇنغاچقا چوكىنى سۇغا سالساق سۇنغاندەك كۆرۈنىدۇ؛ ئېنېرتسىيە سەۋەبىدىن ئاپتوبۇس جىددىي تورمۇزلانغاندا ئادەم ئالدىغا سەنتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

      سىرلىق ئىلىم – پەن ئوردىسى ئىنسانىيەتنى رەڭگارەڭ تەپەككۇرغا باشلايدۇ، رەڭگارەڭ تەپەككۇرلار يەنە ئىنسانىيەتنى ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. تارىختا كىشىلەر دىققەت قىلمىغان نۇرغۇن كىچىك كەشپىيات، كىچىك لايىھەلەردىن مۆجىزىلەر بارلىققا كەلگەن، ئۇلار تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتكەن ھەم تاكامۇللاشتۇرغان، خۇددى ئەنگلىيەلىك پادىچى قېرىنداشنى كەشىپ قىلسا، ۋېنگىرىيەلىك مۇخبىر تۇنجى بولۇپ ماي قەلەمنى ئىشلەپچىقارغاندەك.

      ساۋاقداشلار، ئىلىم – پەن ئۆگىنىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەيلى. تېخىمۇ كۆپ ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى، ئىلمىي تەپەككۇر ۋە ئىلمىي ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرەيلى، كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئىلىم – پەننى سۆيۈپ، ئۆگىنىپ، ئىشلىتىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىلىم – پەن ئىشلىرىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇشقا تىرىشايلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر