باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئانامنىڭ بىر كۈنى

بۈۋىھەجەرگۈل ئوسمان

 

      – ئانا، بۈگۈن يەكشەنبە، دەم ئېلىۋالسىڭىز بولمامدۇ؟

      – قىزىم، دەم ئالسامغۇ ئوبدان بولاتتى. بىراق، ئېتىزلىقتىكى ياۋا ئوتلار كېۋەزلەرنى ئورىۋاپتۇ. يۇلۇۋېتەي.

      – ئانا، چۈش بولدى. قۇياش يەر جاھاننى قىزدۇرۇۋەتتى. ئاپتاپتا تۇرماي ئۆيگە كىرىپ كېتەيلىمۇ؟

      – سىز كىرىپ تۇرۇڭ، مەن يەنە بىردەم ئىشلەي.

      – ئاپا، ھارمىدىڭىزمۇ؟

      – ‹‹قالغان ئىشقا قار ياغىدۇ›› قىزىم. ئىشلارنى تۈگىتىۋېتىپ بولۇپ ئاندىن ئارام ئالاي.

      – ئانا، يېرىم كېچە بولدى، ئەمدىغۇ ئارام ئالارسىز؟

      – مانا ئاز قالدى، بۇ كىيىملەرنى يۇيۇۋەتسەملا ئۇخلايمەن. مانا، بۇ جاپاكەش ئانامنىڭ بىر كۈنى. ئانام بىز ئۈچۈن تىنىمسىز ئىشلەيدۇ. ھەرقانچە ھېرىپ – چارچىسىمۇ قىلچە زارلانمايدۇ. ھەر قېتىم مەكتەپتىن كەلسەم ئانامنىڭ قازان بېشىدا، ئېتىزلىقتا ياكى قوتاندا ئالدىراش يۈرگىنىنى كۆرىمەن. ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكچى بولسام ئۇ: ‹‹قىزىم، ئۆي ئىشلىرى تۈگىمەيدۇ. سىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ ياخشى نەتىجە قازانسىڭىز مەن شۇنىڭغا رازى›› دەيدۇ. مەن جاپاكەش، مېھرىبان ئانامنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. كەلگۈسىدە داڭلىق دوختۇر بولۇپ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن.

(ئاپتور مارالبېشى ناھىيەسى چوڭقۇرچاق يېزىسى 25 – كەنت 2 – مەھەللىدە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر