باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

پويىزنى ئىتتىرىش

      بىر قېتىملىق پويىز سەپىرىمدە ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان بىر كىچىك بالا ئانىسىدىن:

      – ئانا، پويىز قاچان ماڭىدۇ؟ – دەپ سورىدى. ئۇ بالىنىڭ ئانىسى جاۋاب بېرىپ بولغىچە مەن ئالدىراشلىق بىلەن: ‹‹بۇ پويىزنى بىز ئىتتىرسەك ئاندىن قوزغىلىدۇ›› دېدىم.

      بالا ھەيرانلىق بىلەن:

      – راستما؟ – دەپ سورىدى.

      – ئەلۋەتتە، بىز پويىزنى ئىتتىرمىسەك پويىز قەتئىي قوزغالمايدۇ.

      – ئۇنداقتا، بىز پويىزنى ئىتتىرەيلى.

      – بىر ئاز ساقلايلى، قارا، نۇرغۇن يولۇچىلار تېخى پويىزغا چىقىپ بولماپتۇ، پويىزنى ئىتتىرىدىغان چاغدا سېنى چاقىرىمەن.

       بىردەمدىن كېيىن، ۋوگزالدىكى سىگنال چىرىغىنىڭ يانغانلىقىنى ۋە خىزمەتچى خادىمنىڭ پۈشتەك چالغانلىقىنى ئاڭلاپ، بالىغا: ‹‹ئەمدى پويىزنى ئىتتىرسەك بولىدۇ، سەن چوقۇم كۈچەپ ئىتتىرگىن›› دېدىم:

      بالا بىلەن ئىككىمىز پويىزنى پاراۋۇز تەرەپكە قاراپ ئىتتىردۇق ... تۇيۇقسىزلا بالىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى.

      – پويىز قوزغالدى!

      بالا خۇشاللىقىدىن ۋارقىراپ كەتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن قانائەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

     مەن بالىغا پويىزنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىنىڭ پاراۋۇزدىكى ماتورنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدىم، چۈنكى ئۇ ھامان بىر كۈنى بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالاتتى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر