باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

سابان تويى

 ئادىلە ئېلدان

      تاتار خەلقى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مول ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ياراتقان. ‹‹سابان تويى›› ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. مىللىي ئۆرپ–ئادەت، ئەمگەك سۆيەرلىك، ئەخلاق – پەزىلەت، مەدەنىيەت خاسلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەم ئۇنى بېيىتىپ، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ‹‹سابان تويى›› تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ھېچقانداق دىنىي، سىياسىي تۈس ئالمىغان.

      ‹‹سابان›› سۆزى تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرگە ئورتاق ئاتالغۇ. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹ساپان›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا، تاتار تىلىدا ‹‹سابان›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. تاتارلار خېلى بۇرۇنلا ساباننىڭ خاسىيىتىنى بىلگەن ۋە ئۇ ئارقىلىق تېرىقچىلىق قىلىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان. شۇ سەۋەبلىك تاتارلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن بۇرۇن يېشىللىققا پۈركىنىشكە باشلىغان دالالارغا يىغىلىشىپ، ئۆزئارا مول ھوسۇل تىلىشىش بىلەن بىللە، ئۆزلىرىگە بەخت–سائادەت، توقچىلىق ئېلىپ كەلگەن ‹‹سابان›› غا ئاتاپ مەرىكە ئۆتكۈزگەن. مانا بۇ تاتارلار ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ‹‹سابان تويى›› مەرىكىسىدۇر.

      تاتارىستاندا نەشر قىلىنغان‹‹تاتار ئىنىسكىلوپىدىيە سۆزلۈكى››دە ‹‹سابان تويى››غا مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: ‹‹‹سابان تويى›(سابان بايرىمى) تاتار خەلقىنىڭ بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمى. دەسلەپكى چاغلاردا ‹‹سابان تويى›› ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغىچە (كىلىمات ئەھۋالىغا قاراپ) جايلاردا نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. بايرام ئالدىدا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئۈچۈن مەيدانلار تاللانغان، بايرام ئويۇنلىرىدا ھەم مۇسابىقىلىرىدە قاتناشقۇچىلارنى تارتۇقلاش ئۈچۈن ئۆيمۇئۆي ئارىلاپ سوۋغاتلار يىغىلغان... شىنجاڭدىمۇ تاتارلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا بۇ توي ھەر خىل شەكىلدە نىشانلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ‹سابان تويى› ئەسلىي ئەنئەنە بويىچە ئەتىيازدا قار–مۇزلار ئېرىپ، يەرلەردە يېڭىدىن ئوت – چۆپلەر ئۆسۈپ، دەرەخلەر بىخ سۈرۈشكە باشلىغان، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىش ئالدىدا ئۆتكۈزۈلەتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىرىم تەرەپلەرنىڭ كىلىماتىغا بېقىپ، ھەر يىلى 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشكە ئۆزگەرگەن.››

      دەرۋەقە، يۇقىرىقى ئىزاھاتتا دېيىلگىنىدەك، دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ تاتارلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدا ‹‹سابان تويى›› تولىمۇ قىزغىن، مەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنىدى. بۇ ئادەت بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، بۈگۈنگىچە ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردا يىلمۇيىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

      ‹‹سابان تويى›› گەرچە تاتارلارنىڭ تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان بايرىمى بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ تارىخىي بايرام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىمى، شادلىق بايرىمى تۈسىنى ئالماقتا.

  

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر