باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

شاد – خۇرام تۇرمۇش ۋە كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەت بەرپا قىلايلى

خو دۇڭ

      مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى يولداش خۇ جىنتاۋ مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق كىچىك دوستلارغا: ‹‹تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خۇشال ياشاپ، ئەتراپلىق يېتىلىڭلار›› دېگەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

      بۇنىڭدا پارتىيەمىزنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارغا بولغان ئىزچىل غەمخورلۇقى گەۋدىلىنىپلا قالماي يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش قارىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك دەۋر تەلىپىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.

      ‹‹تىرىشىپ ئۆگىنىش›› پىيونېرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى؛ ‹‹شاد – خۇرام ياشاش›› پىيونېرلارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى؛ ‹‹ئەتراپلىق يېتىلىش›› پىيونېرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش نىشانى. ‹‹تىرىشىپ ئۆگىنىش››، ‹‹شاد – خۇرام ياشاش››، ‹‹ئەتراپلىق يېتىلىش›› بۇ ئۈچىسى ئۆزئارا بېقىنغان ۋە زىچ باغلانغان بولۇپ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭ ئىچىدىكى ‹‹شاد – خۇرام ياشاش›› كەڭ پىيونېرلارغا تېخىمۇ يېقىن، تېخىمۇ دەۋرچانلىققا ئىگە.

      ‹‹شاد – خۇرام ياشاش›› زامانىمىز پىيونېرلىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىقتۇر، ‹‹شاد – خۇرام ياشاش›› پىيونېرلارغا بەختلىك بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە ئۆگىنىش تۇرمۇشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، ئۇ ساغلام روھىي كەيپىيات ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشنى ئاشۇرىدۇ. ئېنىقكى پىيونېرلار خۇشال تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا تىرىشىپ ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ. ئوخشاشلا پەقەت پىيونېرلار خۇشال ياشىغاندىلا ئاندىن تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئەتراپلىق يېتىلىشتىن ئىبارەت نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ‹‹شاد – خۇرام ياشاش›› تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشنىڭ كۆۋرۈكى بولۇپ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەكسىچە پىيونېرلار خۇشال ياشىيالمىسا ئەتراپلىق يېتىلەلمەيدۇ، شۇنداقلا زور تۈركۈملەپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولمايدۇ.

      ئۇنداق بولسا، بىز قانداق قىلغاندا پىيونېرلارنى ‹‹شاد –خۇرام ياشاش››قا ئىگە قىلالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن تىرىشىشىمىز لازىم.

      1. ‹‹شاد – خۇرام ياشاش››تىن ئىبارەت تەربىيەلەش قارىشىنى تىكلەپ، ‹‹شاد – خۇرام ياشاش›› مۇھىتىنى بەرپا قىلىش

      بىز پىيونېرلار خۇشال تۇرمۇش كەچۈرەلىدىمۇ، يوق، دېگەننى خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ پىيونېرلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۆپرەك ئويلىشىشىمىز، ئۇلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خىزمەت قىلىپ، ھەر دائىم: بارلىقىمىزنى پىيونېرلارغا تەقدىم قىلىمىز، دېگەننى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. بۇنداق بولغاندا پىيونېرلارنى ھۆرمەتلىيەلەيمىز، يېقىنلىشالايمىز، ئېتىبار بېرەلەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن پىيونېرلار ئۈچۈن خۇشال ياشاش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت خۇشال ياشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرەلەيمىز.

      2. پىيونېرلارغا شاد – خۇرام ياشاشنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە شاد – خۇرام ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىشقا ياردەم بېرىش

      ھەقىقىي، ئۇزۇن مۇددەتلىك خۇشال تۇرمۇش بەرپا قىلىش تاشقى مۇھىتتىن سىرت ئاساسلىقى يەنە پىيونېرلارنىڭ ئىچكى ئامىلىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بىز پىيونېرلارنى تەدرىجىي ھالدا توغرا، خۇشال ياشاش قارىشىنى تىكلەشكە يېتەكلىشىمىز، شۇنداقلا خۇشال ئۆگىنىش قىلىش، خۇشال ئەمگەك قىلىش، خۇشاللىق بىلەن باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلىشىمىز، يەنە ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىش، قانائەتچان بولۇشنى چۈشىنىشكە ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ خۇشاللىقىنى، خۇشال مۇھىت يارىتىش، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىن ھاسىل بولغان خۇشاللىقنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىشىمىز لازىم. شۇنداق بولغاندىلا پىيونېرلار تەشەببۇسكار ۋە ئاڭلىق تۈردە خۇشاللىقنى ھېس قىلالايدۇ، خۇشاللىقنى ئىزدەيدۇ، خۇشاللىقنى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ – دە تەبىئىي ھالدا شاد – خۇرام ياشىيالايدۇ.

      3. كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەت بەرپا قىلىپ، ھەربىر پىيونېرنى شاد – خۇراملىققا ئىگە قىلىش

      2002 يىلىدىن — 2003 – يىلغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ‹‹كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەت›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ پائالىيەت شاڭخەيدىكى مىليونلىغان پىيونېر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىپ ئۇلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى ھەم خۇشاللىنارلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

      كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەت بەرپا قىلىش پىيونېرلارنىڭ ئۆزلىرى كۆڭۈللۈك مۇھىت يارىتىش ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولۇشىنى، يەنى پىيونېرلار ئوتتۇرا ئەترەت كوللېكتىپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بۇ كۆڭۈللۈك كوللېكتىپ ئىچىدە خۇشال ئۆگىنىش، خۇشال يېتىلىش، خۇشال ئوتتۇرا ئەترەت قۇرۇش جەريانىدا پىيونېرلارنىڭ بۇ كۆڭۈللۈك كوللېكتىپ ئىچىدە خۇشال تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن شاد – خۇرام تۇرمۇش بىلەن كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەت بەرپا قىلىشنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەت قۇرۇش، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ئادەم تەربىيەلەش ۋە پىيونېرلارنىڭ توغرا بولغان خۇشاللىق قارىشىنى تۇرغۇزۇشىدا ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇر.

      كوللېكتىپتا خۇشاللىق بولمىسا شەخسنىڭ خۇشاللىقى بولمايدۇ. شۇڭا، كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەت بەرپا قىلىش داۋامىدا پىيونېرلارغا شاد – خۇرام تۇرمۇش مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر