باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

غەمخورلۇق

رەيھانگۈل تۇرسۇن

 

      مۇرات بۈگۈن مۇئەللىمنىڭ ‹‹چۈشتىن كېيىن ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئېچىلىدۇ›› دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ غەمگە پاتتى. چۈنكى، ئانىسى مەكتەپكە كەلسە ئۇ يوشۇرۇپ يۈرگەن ھەممە ئىشلار ئاشكارا بولۇپ قالاتتى.

      مۇرات جانسىز پۇتلىرىنى سۆرەپ ئۆيگە ماڭدى. بۇرۇنقى ئىشلار كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. مۇراتنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە بەختلىك ئائىلە ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئەمما، بۇ كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. مۇراتنىڭ ئانىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. دادىسى ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا خىراجەت توپلاش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرىپ كېتىپ خەۋىرى بولمىدى. بىچارە ئانا كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى. مۇرات ئانىسىنىڭ جاپا تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە كوچا – كويلاردا بوتۇلكىلارنى تېرىپ ساتتى، دەم ئېلىش كۈنلىرى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىدى. ئۇ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئاز – تولا پۇل تاپقان بولسىمۇ ئۆگىنىش نەتىجىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇرۇنقى ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچىدىن بىراقلا نەچچە پەندىن ئۆتەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ قالدى. مانا ئەمدى ئانىسى ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىدۇ. مۇرات كەينىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ خىيال بىلەن ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالغانىدى.

      مۇراتنىڭ ئانىسى يىغىنغا كەتكىلى خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ تېخىچە قايتىپ كەلمەيۋاتاتتى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مۇراتنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ھېلى ئانىسى ئىشىكتىن ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا كىرىدۇ، ئاندىن مۇراتقا كايىيدۇ، كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىغانلىقىدىن زارلىنىدۇ... مۇرات ئويلىغانسېرى قورقۇشقا باشلدى.

      ئىشىك يېنىك ئىتتىرىلىپ ئانىسى ئۆيگە كىردى. مۇرات بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تەنقىدنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇردى. ئويلىمىغان يەردىن ئانىسى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.

      – ئوغلۇم، بۇنچە جاپا تارتىپ يۈرگەنلىكىڭنى بىلمەپتىمەن. مۇئەللىمىڭ ئېيتتى، بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپىنى ھەقسىزلەشتۈرۈپتۇ. بۇ پارتىيەنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى، سەن ئەمدى تىرىشىپ ئوقۇغىن. ساڭا ئىشىنىمەن، – دېدى.

      مۇرات ھاياجاندىن ئانىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ھەم ‹‹ئانا، ئەمدى تىرىشىپ ئوقۇيمەن›› دېدى.

( ئاپتور مارالبېشى ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر