باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

تەربىيەچىلەر قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات – تەرغىبات، ئىلھاملاندۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

      تەشۋىقات – تەرغىبات، ئىلھاملاندۇرۇش ئىقتىدارى تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئېغىز ۋە يېزىق ئىپادىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىش كېرەك، يەنى ئىنقىلابىي ئەجدادلاردىن، مۇنەۋۋەر پېداگوكلاردىن، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىدىن، مۇنەۋۋەر تەربىيەچىلەرنىڭ بالىلارغا قىلغان سۆزلىرى ۋە يازغان ماقالە ئۈلگىسىدىن ئۆگىنىش، شۇنىڭدەك ‹‹ئۆسمۈر  – بالىلار پروگراممىسى›› ئاڭلىتىشىنى دائىم ئاڭلاپ، بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنى كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئېلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. مەسلەن، تەربىيەچىلەرنىڭ سۆزىگە تەييارلىق قىلش خىزمىتى، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، تىپىك مىساللارنى تېپىش، سۆز تېزىسى يېزىپ ھەم ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئۇنى ياد سۆزلەش ياكى سۆزلەشنى مەشىق قىلىش قاتارلىقلار. ئىككى – ئۈچ مىنۇتلۇق سۆز بولسىمۇ ئوبدان تەييارلىق قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سۆزى قىسقا، ھېسياتلىق بولۇشى كېرەك. سۆزلەيدىغان سۆزنىڭ مەزمۇنى يىغىنچاق، قىسقا ھەم چۈشىنىشلىك، كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، سۆز ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئوقۇغۇچىلار ئوڭاي چۈشىنىدىغان بولۇشى ھەم يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان بولۇشى، گۈزەللىك جەھەتتىمۇ جەلپ قىلارلىق بولۇشى لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر