باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

جانلىق ھەق ئالىدىغان تاشيول

      بۈگۈنكى كۈندە قىستاڭ – قىستاڭ بولۇۋاتقان تاشيوللاردا قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللار بىلەن ئازادە تاشيوللاردا قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ھەق ئوخشاش. GPS قاتارلىق سىمسىز ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، تاشيوللارنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ۋە ھەيدەشنىڭ ھەقىقىي تەننەرخىنى مۆلچەرلەش ھازىر ئىشقا ئاشتى. گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 2016 – يىلى مەملىكەت بويىچە GPS تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىدىغان دىنامىكىلىق ھەق ئېلىش لايىھەسىنى يولغا قويماقچى، بۇ لايىھەدە يول يۈرۈش مۇساپىسىنىڭ ئومۇمىي سانىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئايرىم باھا ئىجرا قىلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ لايىھە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ھامان قاتناش قىستاڭچىلىقى %58 ئازىيىدىكەن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر