باش بەت | پىسخىكا

روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشتىكى ئەڭ ياخشى تۆت خىل ئۇسۇل

      روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى – باشقىلارغا دەرد تۆكۇش.

      ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزىيولوگىيە ئىلمى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، جىمغۇر، كۆڭلىدىكىنى باشقىلارغا دىيىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى دەردىڭىزنى باشقىلارغا توكسىڭىز، باشقىلار ھالىڭىزغا يېتىش بىلەن بىللە، ئۆز تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپ، روھىي بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشىڭىزگە ياردەم بىرىدۇ. ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىز دەردىڭىزنى تۆكىدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ئوبيېكتلاردۇر.

      ئاچچىقنى بىېسىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى – راسا يىغلاش، كۈلۈش، ۋارقىراش ۋە توختىماي بىر نەرسە چايناشتۇر.

      ئادەم روھىي بېسىمغا ئۇچۇرغاندا بەزى زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدىكەن. بۇنداق چاغلاردا راسا يىغلىۋالسا، كەيپىيات خېلى ياخشىلىنىپلا قالماي، بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدىكەن. ئەگەر كۈندە 15 مىنۇت راسا كۈلۈۋالسا، روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈنۇمىي تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. خاپىلىق تارتسىڭىز، خىلۋەت جاينى تېپىپ راسا ۋارقىراڭ! فىرانسىيە روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش مەركىزى مۇشۇنداق ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە %50تىن كۆپ كىشى ‹‹سېغىز چاينىسا جىىددى كەيپىيات پەسىيىپ، كۆڭۇل ئازادە بۇلۇپ قالىدۇ›› دەپ قارايدىكەن. چۇنكى، روھىي بېسىمغا ئۇچىرىغاندا سېغىز چايناپ بەرسىڭىز، دىققىتىڭىز پۇتۇنلەي ئاغىزىڭىزغا مەركەزلىشىپ، كۆڭلىڭىز ئازادە بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز.

      روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئۇسۇلى – مۇزىكا ئاڭلاشتۇر.

      كىشىلەر روھىي بېسىمغا ئۇچىراپ نېرۋىسى جىددىيلەشكەندە، لەرزان ياكى ئۆزى ياخشى كۇرىدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سىستېمىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەش ئارقىلىق قان بېسىمنى چۇشۇرۇپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، روھىي كەيپىياتنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۇرىدىكەن.

      روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئەڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى – نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىشتۇر.

      ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكشۇرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللارنىڭ %80ى نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش ئارقىلىق روھىي بېسىمدىن قۇتۇلالايدىكەن. نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش ئەمەلىيەتتە روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئىستېمال ‹‹تولۇقلاش خاراكتېرلىك ئىستېمال›› دەپ ئاتىلىپ، كەيپىياتنى ئوڭشايدىكەن.

 

مەنبە: زوقمەن تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر