باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادا، بىلىمنى دوست تۇتۇڭ

ئايتۇرسۇن جىلان

      دادا، سىز بۇرۇن بىزگە: ‹‹ئىلىم نۇرلۇق چىراغ، ئۇ قاراڭغۇنى يورۇتقۇچى ماياك. ئىلىم بىلەن دوست بولغان كىشى ھەرگىز خار بولمايدۇ، تىرىشىپ ياخشى بىلىم ئىگىلەڭلار›› دەپ تەربىيە قىلاتتىىڭىز. كۈندە مېنىڭ ئۆگنىشىمگە يېتەكچىلىك قىلاتتىڭىز. يېقىندا، سىز يېزىلىق ھۆكۈمەتكە باشلىق بولغاندىن كېيىن، ھاراقتىن ئىبارەت نېجىسنى دوست تۇتۇپ، ھەدېسىلا ھاراق ئىچىپ مەست كىرىپ ئانام بىلەن ئۇرۇشىدىغان، ھەتتا مېنىمۇ ئۆگىنىش قىلغىلى قويماي، تىللايدىغان بولۇۋالدىڭىز. سىزگە زادى نېمە بولدى؟!

      دادا، سىز ئەسلى باشلىق بولمىسىڭىز بوپتىكەن. سىز باشلىق بولغاندىن بۇيان، بۇرۇنقى خاتىرجەم تۇرمۇشىمىز، ئىناق ئائىلىمىز پۈتۈنلەي يوقىدى. دادا، ئەگەر سىز مۇشۇنداق سالامەتلىكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىز. دادا، سىزمۇ مەندەك بىر سەبىي بالىڭىزنىڭ  نەسىھىتىنى ئاڭلاپ قويۇڭ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر