باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئەخلاق بىباھا گۆھەر

      ساۋاقداشلار، سىلەر تۆۋەندىكىدەك گۈزەل، تەسىرلىك مىنۇتلارغا دىققەت قىلغانمۇ؟

      ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ياش پىدائىيلار سەۋرچانلىق بىلەن بالىلارغا خەت يېزىش، ئوقۇشنى ئۆگىتىپ، بىللە ئويناپ، ئۇلار بىلەن پارلاق كەلگۈسى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشماقتا. ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ ئۈستبېشىنى سۈرتۈپ، بەدەنلىرىنى تۇتۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا. 2008 – يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۈمەنلىگەن پىدائىيلار ئىللىق تەبەسسۇمى ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ئولىمپىك تارىخىدىكى كۆلىمى ئەك چوڭ پىدائىيلار رېكورتىنى ياراتتى. پىدائىيلار ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە پىدائىيلارچە روھنىڭ ئاددىي، ئالىيجاناپلىقىنى چۈشەندۈردى.

      بىر جەمئىيەتشۇناس مۇنداق دېگەن: ‹‹بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە باھا بېرىشتە ھەيۋەتلىك سودا – سارايلىرىغا ئەمەس، بەلكى پىدائىيلىرىغا قاراش كېرەك›،. 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ‹‹خەلقئارا پىدائىيلار كۈنى››. ساۋاقداشلار، بىز پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلۇپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەر، دوستانە، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرايلى، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولسۇن!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر