باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

بۇئەلىنىڭ كېسەل داۋالىشى

       پارسلارنىڭ بىر پادىشاھى بولغانىكەن، ئۇنىڭ خانىشى ئۇشتۇمتۇق ئاغرىپ قېلىپ، بەدىنىنىڭ ئوڭ تەرىپى پالەچ بولۇپ، ئوڭ قول، ئوڭ پۇتى تۇتماس، باسماس بولۇپ قاپتۇ. ئوردىدىكى دوختۇرلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالماي، ئاخىرى بۇخارادىكى ئالىم بۇئەلىنى چاقىرتىپ كېلىپ، خانىشنىڭ كېسىلىنى شۇنىڭغا داۋالىتىش توغرىسىدا خانغا مەسلىھەت بېرىپتۇ.

      پادىشاھ  بۇئەلى توغرىسىدا بۇرۇن ئاڭلىغانىكەن. بۇ مەشھۇر دانىشمەن ۋە ئالىم ئوردىغا قەدەم تەشىرىپ قىپتىكەن، پادىشاھ تولىمۇ خۇشال بولغىنىدىن، ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر ئۆينى ئاجرىتىپ، ئىككى ئەر، ئىككى ئايال مالاينى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بۇيرۇپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىشنى تاپىلاپتۇ.

      ئىككى، ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ بۇ ئەتراپلىق يېتىشكەن دوختۇرنى ئوردىنىڭ ئارقىسىدىكى سارايغا باشلاپ چىقىپ، چىمىلدىق بىلەن ئايرىپ تۇرۇپ، خانىشىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپتۇ ۋە خانىشنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋە دوختۇرلارنىڭ داۋالىغان ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.

      بۇئەلى خانىشنىڭ نېمە كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى دەرھال چۈشىنىپ، پادىشاھ ئالىيلىرىغا:

      – خان ئالىيلىرى، خىزمەتچىلەرگە تاپىلىسىلا، ئارقا ساراينىڭ مۇنچىسىغا ئوت ياقسۇن، ئاندىن خانىشنى شۇ يەرگە ئېلىپ بارسۇن، قالغان ئىشنى كېيىن كۆرىمىز، – دەپتۇ.

      مۇنچىغا ئوت يېقىلىپتۇ، خانىشمۇ شۇ يەرگە ئاپىرىلىپتۇ. بۇئەلى بىر ئايال مالاينى ئەرچە ياساندۇرۇپ، يالغان ساقال بېكىتىپ، ئۇنىڭغا:

      – سەن ھازىر مۇنچىغا بار – دە، بېرىپلا كېسەلگە قاراپ ئېتىل، – دەپتۇ.

      ئايال مالاي بۇئەلىنىڭ دېگىنىنى قىپتۇ. مۇمچىدا ياتقان خانىش بىر ئەر كىشىنىڭ ئۇشتۇمتۇت مۇنچىغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ كىرگەن كىشىنىڭ ئەرچە ياسىنىۋالغان ئايال مالاي ئىكەنلىكىنى بىلمەي، بۇنى بۇئەلىنىڭ بەدىنىمنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ئويۇنى ئوخشايدۇ, دەپ ئويلايدۇ.

      بۇ چاغدا كېسەل ياتقان خانىش بىر قولى بىلەن يەرنى تىرەپ ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئايال مالاي ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋاپتىكەن، ئىككەيلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ، خانىش جېنىنىڭ بېرىچە ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپتۇ، مالاي قەستەن چىڭ تۇتىۋېلىپ قويۇپ بەرمەپتۇ – دە، باغرىغا بېسىشقا ئۇرۇنۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، قورقۇشنىڭ تەسىرى ۋە قاتتىق ئېلىشىش ئارقىسىدا، خانىشنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمىدىكى پالەچلىك تۈگەپ، كېسىلى ساقىيىپتۇ.

      ئەمدى گەپنى پادىشاھتىن ئاڭلايمىز. ئۇ خانىشنى مۇنچىغا كىرگۈزىۋەتكەندىنكېيىن، بىردىنلا ئويلاپ قاپتۇ: بۇ مېنىڭ نېمە قىلغىنىم، ئەگەردە دوختۇر يامان ئادەم بولۇپ قالىدىغان، مۇشۇ پۇرسەتتە خانىشنىڭ بەدىنىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرۈۋالىدىغان بولسا، قانداق بولىدۇ؟ پادىشاھ دەرھال مۇنچىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، كاھىشنىڭ ئارىلىقىدىن تۆۋەنگە قاراپ تۇرۇپتۇ.

      قارىسا خوتۇنى رەسمىي ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر ئەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقۇدەك. ئۇ بۇ ئەرنى بۇئەلىگە ئوخشىتىپ، كۆڭلىدە قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ: خوتۇنۇمنى داۋالىتىمەن دەپ، مۇشۇنچىلا چوڭ بەدەل تۆلىسەم بولامدۇ؟ باشقا ئەر ئۇنىڭ بەدىنىنى كۆرگەن ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ ماڭا كېرىكى يوق، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايمەن، بۇئەلى دېگەننىمۇ ئۆلتۈرىمەن. پادىشاھ بۇلارنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ، تامدىكى ققىلىچىنى ئاپتۇ – دە، ئۇدۇل مۇنچىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئايال مالاي پادىشاھنىڭ قولىدىكى قىلىچىنى كۆرۈپ، ئاچچىقىغا چىدىماي ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يالغان ساقاللىرىنى ئېلىپ تاشلاپتىكەن، ئۇزۇن چاچلىرى مانا دەپ كۆرۈنۈپتۇ. پادىشاھ بىلەن خانىش بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەيران بولغىنىدىن تامدەك قېتىپ قاپتۇ.

      پادىشاھ ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىتتىك خان ئوردىسىغا كىرىپ، تەختتە ئولتۇرۇپتۇ – دە، بۇئەلىنى چاقىرتىپ سوراپتۇ:

      – بۇئەلى، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇنداق ئويۇن كۆرسىتىسىز؟

      – خان ئالىيلىرى، – دەپتۇ بۇئەلى، – خانىشنىڭ كېسىلىنى باشقا ھەرقانداق دورا ساقايتالمايتتى، ئۇنى ساقايتىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى ئۇنى قورقۇتۇش ئىدى، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ ئىشنى ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. باشقا ئەر كىشىنىڭ خانىشنىڭ بەدىنىنى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم، شۇڭا، مۇنچىغا كىرىپ خانىشنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، ئايال مالاينى ئەرچە ياساپ كىرگۈزدۈم، نەتىجىدە خانىشنىڭ كېسىلى ساقايدى.

    بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ قالتىس خۇشال بوپتۇ – دە، بۇئەلىگە نۇرغۇن ئىنئام بېرىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر