باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق سەمىمىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش

جياۋ رۇ

      كىلاسسىك قەدىمىي ئەسەرلەر جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا شەرەپلىك تارىخقا ئىگە. ھازىر پىيونېرلار ئارىسىدا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پىيونېرلارنىڭ مىجەزىنى تاۋلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ۋەتىنىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكىمۇ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.

      1. ئىچكى مەزمۇننى قېزىپ، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ باغلىنىش نۇقتىسىنى تېپىش

       غايە ئېتىقاد جەھەتتە. تەربىيەچىلەر قەدىمىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ تەربىيە رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىدە پىيونېرلاردا ئۇلۇغۋار غايە تىكلەشكە، كوممۇنىستىك ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا پايدىلىق بولغان باغلىنىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

      ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە. كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، ئۆسمۈر – بالىلاردا پارتىيە، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان سوتسىيالىستىك سەمىمىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىرادىسىنى تاۋلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق سەمىمىي ھېسسىيات يېتىلدۈرۈشتە ‹‹باشقىلارنىڭ ئازراق ياخشىلىقىغا ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرۇش››تەك مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى ئارقىلىق پىيونېرلاردا ۋەتەننى، يۇرتىنى، دوستلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

      ئىرادە، پەزىلەت جەھەتتە. كىلاسسىك شېئىر ۋە ئەسەرلەر ئۆسمۈر – بالىلارنى ئىرادە ۋە پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلاردا قىينىچىلىقتىن قورقمايدىغان، قەتئىي باش ئەگمەيدىغان، بوشاشمايدىغان مۇستەھكەم ئىرادە، ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ئاكتىپ، خۇشال كىشىلىك پوزىتسىيە يېتىلدۈرىدۇ، مانا بۇلار پىيونېرلاردا سەمىمىي ھېسسىيات يېتىلدۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

      كۈندىلىك ھەرىكەت جەھەتتە. پارتىيەنى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيىدىغان سەمىمىي ھېسسىيات كىچىك ئىش، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۆسمۈر – بالىلارنى كىچىك ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بۇ خىل تەربىيە مەزمۇنى ئۆسمۈر – بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش ۋە قىممەت قاراش يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

      2. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش

      كىلاسسىك ئەسەرلەر ماكان ۋە ۋاقىت جەھەتتىن ھازىرقى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىن خېلىلا يىراق بولغاچقا ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئىلمىي دېكلاماتسىيە قىلىش پىرىنسىپىنى قوللىنىپ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

      قاتنىشىش پىرىنسىپى. نامىغا قاراپ مەنىسىنى بايقاش دېگىنىمىز پىيونېرلار قەدىمىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بەلگىلىك نەتىجە، بەلگىلىك تەسىرات نەتىجىسىدە پەيدا بولغان پارتىيە، ۋەتەن، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيىدىغان ھېسسىياتىنى كۆرسىتىدۇ. پىيونېرلار ئاكتىپ قاتناشمىسا تەربىيە ئۈنۈمىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا، تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە توغرا يېتەكلىشى كېرەك.

      خۇشاللىق پىرىنسىپى. خۇشاللىق پىرىنسىپى پىيونېرلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشال، كۆڭلى ئازادە بولۇش شەرتى ئاستىدا پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئىگە بولغان يېڭى بىلىمنى كۆرسىتىدۇ. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ پىيونېرلاردا سەمىمىي ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتۇر. ئۇ ئۆسمۈر – بالىلارنى خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدىغان پائالىيەت ئۇسۇلى بولۇپ، بۇيرۇق، مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان ئىمتىھانمۇ ئەمەس، چوقۇم ئورۇنلاپ بولىدىغان تاپشۇرۇقمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ئۆلۈك يادلاشمۇ ئەمەس. پىيونېرلار پائالىيەتتە ئۆزى مۇستەقىل تاللاپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

      سىڭدۈرۈش پىرىنسىپى. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا ھەر خىل تەربىيە بىلەن سەنئەت ئۇسۇلىنى سىڭدۈرۈش كېرەك. دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى بىلەن ماھارەت كۆرسىتىش، ئورۇنلاش، رەسىم سىزىش قاتارلىلارنى ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى بىرلىكتە قوللانغاندا پىيونېرلارنىڭ قەدىمىي ئەسەرلەردىكى سەمىمىي ھېسسىياتقا بولغان چۈشەنچىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە ئىستېتىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

3. ئۇسۇلدا يېڭىلىق ياراتقاندا پىيونېرلارنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىغا ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ

      تەرتىپ بىلەن پەيدىنپەي توپلىنىش ئۇسۇلى. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا پائالىيەت ۋاقتى ۋە دېكلاماتسىيە قىلىدىغان مەزمۇننى چوقۇم موقىملاشتۇرۇپ مەخسۇس ئادەم باشقۇرىدىغان، ئائىلە، مەكتەپ قول تۇتۇشۇشىدىغان ئۇسۇلنى يولغا قويغاندا ھەرقايسى يىللىقلاردىكى تەربىيە مەزمۇنى زىچ باغلىنىپ، ئۆگىنىشنىڭ ئىزچىللىق، ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

      مەخسۇس پىلان تۈزۈپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى. پىلان بويىچە ھەر مەۋسۇمدە قانچە قېتىم كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى، ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەت ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە قانچە قېتىم كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقى ۋە مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىر پىيونېر ھەربىر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە قانچە شېئىرنى يادقا ئېلىش قاتارلىق كونكرېت ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى مۇستەھكەم، ئۈنۈملۈك قانات يېيىپ، پائالىيەت ئارقىلىق پىيونېرلار كىلاسسىك مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ.

      قاتلامغا ئايرىپ باھالاشنى كۈچەيتىش ئۇسۇلى. 1 – يىللىقتىن 6 – يىللىققىچە بولغان ئوخشاش بولمىغان يىللىقلاردىكىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دېكلاماتسىيە قىلىش تېمىسى بولىدۇ، تېما پىيونېرلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ۋە سەۋىيەسىگە ماسلىشىشى كېرەك. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش مەزمۇنىغا ئاساسەن باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، باھالاش پىلانىنى بەلگىلىگەندە دېكلاماتسىيە ئۈنۈمىنى كۈچەيتكىلى ۋە مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

دەرسلىك ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى. مەكتەپنىڭ ئۇزاق مەزگىل شەكىللەنگەن ۋە توپلانغان مەكتەپ مەدەنىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە دەرسلىك ئارقىلىق دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ مەكتەپ دەرسلىكىنى قېزىپ ۋە تەتقىق قىلغاندا پىيونېرلارنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش تېخىمۇ سىستېمىلىققا، مۇكەممەللىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، مەكتەپ نادىر كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەترەت خىزمىتى ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ئۆزگىچە دەرسلىك كىتابىنى تۈزۈپ چىقسا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ پىيونېرلارنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

      ئىجادىيەت مۇسابىقىسى ئۇسۇلى. پىيونېرلارنىڭ پارتىيە، سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى تۇغما بولمايدۇ، پەيدىنپەي ھېس قىلىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش جەھەتتە مەكتەپلەر ‹‹ناخشا ئېيتىش، ئورۇنلاش، ھۇزۇرلىنىش، تەرجىمە قىلىش›› قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

      مۇھىت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش. شېئىرىي پۇراققا تولغان مەكتەپ مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغاندا پىيونېرلار شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق تاۋلىنىپ، مۇھىت ئارقىلىق تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرنى قەدىمىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلسا ياكى ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرنىڭ دېكلاماتسىيە قىلىش نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش؛ ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشنى مەشىق قىلىشتىن پايدىلىنىپ، پىيونېرلار يالغۇز ئوقۇش، ئوتتۇرا ئەترەت بويىچە ئوقۇش، كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە ئوقۇش قاتارلىق شەكىللەرنى بىرلەشتۈرۈش؛ چوڭ ئەترەت يىغىنى ئېچىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرنىڭ پائالىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش؛ ئەترەت تەشۋىقات بازىسىدا مەخسۇس كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىدىغان پىروگراممىنى ئېچىپ، قەرەللىك ھالدا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك.

      تور ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى. تورنى ئاساسلىق يول، ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئەترەت پائالىيىتىنىڭ يېڭى شەكلى. ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئەترەت تور بېكىتىدە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش مەخسۇس سىتونىنى ئېچىپ قىزىل گالىستۇكلۇقلار مۇنازىرىسى، پىيونېرلار ئەترىتى BBS مۇنبىرى، QQ دا دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق تور ئۇسۇللىرىنى بەرپا قىلغاندا ئورتاق ھۇزۇرلىنىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

      مەكتەپ بىلەن سىرتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى. مەكتەپتىكى ئۆگىنىش بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىش نەتىجىسىنى مەكتەپ سىرتىدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. پىيونېرلار ئەترىتى شەھەردە ياكى مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، باھالاش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ بولۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

      كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ پارتىيەنى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈش سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش ئۇزاق مەزگىللىك ھەم جاپالىق خىزمەت. بۇ ئەترەت تەشكىلى ۋە ئەترەت خىزمەتچىلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىر تۈركۈم لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچىلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر