باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى

فېن جېڭتەي

 

      شياۋ چىڭ سىنىپىمىزدىكى ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. مەن ئۇنىڭغا شۇنچە تەربىيە ۋە نەسىھەتلەرنى قىلغان بولساممۇ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى. بىراق، بىر قېتىملىق ئائىلە زىيارىتى ماڭا شياۋ چىڭنى تەربىيەلەشنىڭ ياخشى چارىسىنى تېپىپ بەردى. مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن بىر ئوقۇغوچىمنىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە باردىم، قايتىدىغان چاغدا مەن شياۋ چىڭنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىرقانچە دوستلىرى بىلەن قارت ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ قالدى – دە، بىرئاز خىجىل بولغان ھالدا قولىدىكى قارتنى تاشلىۋەتتى. ئۇنىڭ باشقا دوستلىرىمۇ مېنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇرۇشتى. بۇ چاغدا ماڭا بىر ئەقىل كەلدى – دە، شياۋچىڭغا:

      — مەن بىر ئىش بىلەن بۇياققا كەلگەنىدىم. ياخشى سىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. بەك ئۇسساپ كەتتىم، ئۆيىڭىزگە كىرىپ ئازراق ئۇسسۇلۇق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟ — دەپ سورىدىم.

      شياۋ چىڭ دەرھاللا:

      — مۇئەللىم تۈزۈت قىلماڭ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ، — دېدى.

      مەن شياۋ چىڭغا ئەگىشىپ ئۆيىگە كىردىم ۋە ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ناھايىتى پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

      شياۋ چىڭ ماڭا بىر ئىستاكان چاي تۇتتى، مەن چاي ئىچكەچ ئۇنىڭغا:

      — شياۋ چىڭ ھۇجرىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ — دېدىم.

      ئۇ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىشىنى خالىمايتتى. مەن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ھەيران قالدىم، ئۆينىڭ ئىچى ناھايىتى پاكىز تازىلانغان، نەرسە – كېرەكلەر ناھايىتى رەتلىك تىزىلغانىدى. مەن بۇرۇلۇپ شياۋ چىڭغا قارىدىم، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

      — مۇئەللىم، مېنىڭ ھۇجرامنىڭ بۇنچىلىك پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيۋاتىدىغۇ دەيمەن، مېنىڭ ھۇجرام ھەركۈنى مۇشۇنداق پاكىز، رەتلىك تۇرىدۇ، — دېدى.

      ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنگۈم كەلمىگەنىدى، چۈنكى ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىنىڭ بۇنچىلىك پاكىز، رەتلىك بولۇشىنى ئويلىمىغانىدىم.

      شۇ كۈنى كەچتە ئۇيقۇم زادىلا كەلمىدى، خىيالىمغا چۈشتىن كېيىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار كىرىۋالغانىدى. بۇ چاغدا مەندە ئۇشتۇمتۇتلا بىر ياخشى ئوي پەيدا بولدى.

      ئەتىسى دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىدا مەن شياۋ چىڭنى بىر تەرەپكە چاقىرىپ مەخسەتلىك ھالدا:

      — سىنىپىمىزنىڭ تازىلىق ئەھۋالى ياخشى بولمايۋاتىدۇ، سىزنىڭ سىنىپ تازىلىقىنى ياخشىلاشتا قانداق ياخشى چارە – ئاماللىرىڭىز بار؟ — دەپ سورىدىم.

      شياۋ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشەنچكە تولغان ھالدا:

      — مۇئەللىم، ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىز بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرۇڭ، مەن چوقۇم سىنپىمىزنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاشقا تىرىشىمەن. سىنىپىمىزنىڭ تازىلىقى ياخشى بولمىسا مەنمۇ ناھايىتى بىئارام بولىدىكەنمەن، — دېدى.

      شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىگە تايىنىپ سىنىپىمىزنىڭ قىياپىتىنى باشقىچە تۈسكە كىرگۈزۈۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن سىنىپىمىز ئىزچىل تۈردە ‹‹تازىلىقتا بايراقدار سىنىپ›› بولۇپ مۇكاپاتلاندى. سىنىپىمىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە ياخشى باھا ۋە شەرەپلەرگە ئېرىشىشى شاۋ چىڭغا ئىلھام بولدى. گەرچە ئۆگىنىشى يەنىلا بۇرۇنقىدەك بولسىمۇ لېكىن باشقا جەھەتلەردە ئالغا باستى.

      ئەمەليەتتە ھەربىر ئوقۇغۇچى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. مۇھىمى بىزنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزدا. بىز ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر