باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

گۈلشەن ئوتلۇق قەلبىنى ئوقۇتۇش ساھەسىگە بېغىشلىدى

      گۈلشەن مۇھەممەد 2004 – يىلى شاڭخەي شەھەرلىك ‹‹چىباۋ›› ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن. 2008 – يىلى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئەمەلىي ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ ئۆزگىچە جەزبىدارلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ، ماختاش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز – ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، مېھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى شادلاندۇرۇپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن پەخىرلىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

      گۈلشەن 2009 – يىلى مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ، ئۇزاق ئۆتمەي بىر سىنىپنىڭ تەربىيەچىسى بولدى، بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىدا زور پەرق بار ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ، سىنىپتىكى بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ مەيلى تۇرمۇش ياكى ئۆگىنىشتە بولسۇن، مەكتەپ تۇرمۇشىغا ماسلىشالمايۋاتقانلىقىنى، كەيپىياتى چۈشكۈن بولغاندىن سىرت، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭمۇ كۈندىن – كۈنگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

      گۈلشەن بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن تۇرمۇشتا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلدى، ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ دورا ئېلىپ بەردى ھەم ئۆيىگە كۆپ قېتىم يوقلاپ بېرىپ ئۇنى ئىلھاملاندۇردى؛ ئۇنىڭغا ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ بېرىپ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

      گۈلشەننىڭ ياردىمىدە بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش غەيرىتى ئاشتى، خۇددى باشقا ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، ئۆگىنىشتىمۇ، تۇرمۇشتىمۇ زور ئىلگىرىلىدى. 2010 – يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئۇ گۈلشەنگە: ‹‹مۇئەللىم سىزنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىڭىزنى، ئىشخانىڭىزدا سىز بىلەن سىرداشقان چاغلىرىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن، بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە››، دەپ يېزىلغان ئاتكىرتكىنى سوۋغا قىلدى. بۇ بىر نەچچە جۈملە سۆز گۈلشەنگە زور خۇشاللىق ۋە ئىلھام ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ياخشى تەربىيەلەش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. گۈلشەن ئوقۇغۇچىلارغا: ‹‹ئاتا – ئاناڭلار سىلەرنى مەكتەپكە، مەكتەپ سىلەرنى ماڭا تاپشۇردى، سىلەرنى ياخشى ئوقۇتۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم!›› دەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىشىدىن تەسىرلەنگەن ئوقۇغۇچىلار: ‹‹مۇئەللىم سىز ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق بىزگە نېمىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردىڭىز، كېيىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالدۇق››، دېدى. گۈلشەن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

      گۈلشەن سىنىپ تەربىيەچىسى بولۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئىزچىل كۆيۈندى، ئوقۇش باشلانغاندىن تارتىپ مەۋسۇم ئاخىرىغىچە كۈندىلىك ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى، ھەر كۈنى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولۇپ، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەپ، بىرلىكتە تازىلىق قىلىپ، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە بىرلىكتە قاتناشتى. مەيلى دەرسخانىدا ياكى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بولسۇن، گۈلشەن: ‹‹سىز پاكىزلىقنى ياقتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىكەنسىز، مەكتەپ فورمىڭىز دائىم پاكىز تۇرىدىكەن››، ‹‹سىز تولىمۇ ئاق كۆڭۈل قىز ئىكەنسىز››، ‹‹سىزنىڭ گۈلگە سۇ قۇيغانلىقىڭىزنى كۆردۈم، سىز بىر مېھرىبان پەرىشتىسىز››... دېگەن سۆزلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇغۇچىلارنى ماختاپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، كىچىككىنە يارقىن نۇقتىنىمۇ كۈچەپ تەرىپلەپ، ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى خۇشاللىقنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

      ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قەدەم باسقان گۈلشەن ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ھەپتىلىك خاتىرە يازىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردى. ھەپتىلىك خاتىرە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسىنى دەل ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقىشى ھەم ئۇنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. بولۇپمۇ دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلدى، ئاتا – ئانىلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يول تۇتۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئۇلارغا تەپسىلىي، قوللىنىشچان ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۈلشەن يەنە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى، بىر قېتىمدا چۈشەنمىسە، ئىككى قېتىم سۆزلەپ بەردى، ئىككى قېتىمدا چۈشەنمىسە، ئۈچ قېتىم، تۆت قېتىم ... ئۇلار ھەقىقىي چۈشىنىپ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قەدىمىگە يېتىشىۋالغانغا قەدەر چۈشەندۈردى.

      گۈلشەننىڭ سىنىپىدا، مەيلى دەرس ۋاقتى ياكى دەرستىن چۈشكەن ۋاقىت بولسۇن، ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلغانلىكى كىشى ‹‹مېھرىبان، سەۋرچان، كۆيۈمچان بولۇش››تىن ئىبارەت تەربىيە ئاساسىي تېمىسىنىڭ ھەر ۋاقىت ئىزچىللاشقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ مول مەزمۇنلۇق دەرسخانا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، يەنى ‹‹ئىنگلىز تىلىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ›› دېگەن تېمىدىكى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە پائالىيىتى ۋە ‹‹قۇمۇل مۇقامى مەدەنىيىتى››، ‹‹قۇمۇل ۋاڭلىرى مەقبەرىسى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم›› قاتارلىق تارىخىي تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹ئاتا–ئانىلارغا ۋاپادار بولۇپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش›› قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنە تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنىمۇ قانات يايدۇردى. بۇ پائالىيەتلەردە تەربىيە زېرىكىشلىك ئۇسۇلدا ئەمەس، بەلكى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھېكايىلەر ئارقىلىق ئەمەلىي ئىشلەندى.

      گۈلشەن ئاتا – بالا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقى ۋە بالىلارنى ‹‹ئاتا – ئانىلارغا ۋاپادار بولۇپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى›› دېگەن تېمىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق دەرسىگە بىللە قاتناشتۇردى، ئۇلارنى ‹‹دۇنيا مۇھەببەتكە تولسۇن›› قاتارلىق سىنئالغۇ فىلىملىرىنى بىللە كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىشنىڭ خۇشاللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى ھەم ئۇلارغا ھەر تەرەپلىمە يېتىلىشنىڭ چىن قائىدىسىنى چۈشەندۈردى.

      گۈلشەن 2009 – يىلى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىللىق ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالاندى، قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى. ئۇ يەنە قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماھارىتى مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالاندى.

      قىسقىغىنا ئىككى يېرىم يىلدا، گۈلشەن بىر قانچە شان – شەرەپنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ شان – شەرەپ ئالدىدا: ئىككى يىللىق خىزمەت تەجرىبەم، چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىدىغان مائارىپ ئىشلىرىغا خالىس تۆھپە قوشۇش غايەم ۋە ئارزۇيۇمنى تېخىمۇ چىڭىتتى، دېدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر