باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

تارىخنى ئەسلەش

      74 يىلنىڭ ئالدىدىكى 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى نەنجىڭدا دەھشەتلىك پاجىئە يۈز بەردى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرى نەنجىڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن 40 كۈن ئەتراپىدا ئاممىنى ئوققا تۇتۇش، تىرىك كۆمۈش، چاناش، كۆيدۈرۈش قاتارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇ جۇڭخۇا مىللىتى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغان قان – ياشلىق تارىخ.

      يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتسىمۇ بۇ تارىخنى چاڭ – توزان باسقىنى يوق. ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە نەنجىڭ شەھىرىدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنىدۇ. گۈدۈك ئاۋازى بىلەن كىشىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ ماتەم بىلدۈرىدۇ. بۇ سىگنال ھەربىر جۇڭگولۇققا نەنجىڭ خەلقىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇچرىغان ھاقارىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

      بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق مەيىن شامالدا ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلگەندە ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى ئىپتىخارلىققا تولىدۇ. مەيلى قەيەردە بولايلى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ كۆكتە جەۋلان قىلغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە ۋۇجۇدىمىز ۋەتەن بىلەن قان ۋە گۆشتەك بىرىكىپ شەرەپ ۋە خورلۇق زىچ باغلىنىدۇ.

      ساۋاقداشلار، دۆلەت شان – شەرەپكە تولسا بىزمۇ شان – شەرەپكە تولىمىز. دۆلەت خورلانسا بىزمۇ خورلىنىمىز. بىز بۈگۈنكى ئۆگىنىشنى ۋەتەننىڭ روناق تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللەپ – ياشنىشى بىلەن زىچ باغلايلى. قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەپ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر