باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

بىر پارچە رەسىم ئاساسىدا ماقالە يېزىش ماھارىتى

      بىرلا پارچە رەسىمگە قاراپ ماقالە يېزىشتىن ئىبارەت بۇ خىل شەكىل باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان مەشىق تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆزىتىپ ماقالە يېزىش ئۈچۈن بېرىلگەن بۇنداق رەسىملەردە ئادەتتە بىرەر مەنزىرە، ۋەقەلىك تەرەققىيات جەريانىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك بىرەر پەيت ۋە ياكى بىرەر قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن بولىدۇ.

      بىر پارچە رەسىمنى كۆزىتىپ ماقالە يېزىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

     (1) رەسىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ، رەسىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. مانا بۇ، رەسىمگە قاراپ ماقالە يېزىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

     (2) رەسىم مەزمۇنىغا ئاساسەن تەسەۋۋۇر قىلىشقا ماھىر بولۇپ، رەسىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە نەتىجىسىنى، شۇنداقلا ۋەقەلەرنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ باسقۇچقا يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر ئاساسىدا رەسىمدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ماس ھالدا بەلگىلەپ چىقىش كېرەك. بىر پۈتۈن پائالىيەت سورۇنلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرگە قارىتا باغلانغان تەسەۋۋۇر ۋە قىياس قىلىش ئۇسۇللىرى ئاساسىدا تولۇقلاش ئېلىپ بېرىپ، شۇنداق بىر سورۇندا قانداق ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ چىقىش كېرەك. چۈنكى، بىر پارچە سۈرەت ئارقىلىق بىرەر پائالىيەت جەريانىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىش قىيىن ئەلۋەتتە. پەقەت بىز رەسىمگە قاراپ باغلانما تەسەۋۋۇر قىلىشقا ۋە قىياس قىلىشقا ئەھمىيەت بەرسەكلا، ئاندىن شۇ رەسىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ سەۋەب، جەريان ھەم نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتكە ماس ھالدا تېپىپ چىقالايمىز. شۇڭا بىز رەسىمگە قاراپ جانلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىمىز قاتناشقان شۇ خىلدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، رەسىم مەزمۇنىغا ماس ھالدىكى يېزىقچىلىق ماتېرىياللىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بىزگە مۈشۈك ياكى ئاق توشقاننىڭ رەسىمىنى بېرىپ، شۇ توغرىسىدا ماقالە يېزىڭلار دېسە، بىز دەرھال ئۆزىمىز ئەمەلىيەتتە كۆرگەن، ئۇچراتقان مۈشۈك ياكى توشقانلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، رەسىمنى جانلىق بىر قىياپەتكە ئايلاندۇرۇپ تۇرۇپ يازمىساق، يازغانلىرىمىز تەبىئىي، ئەمەلىي ھەم جانلىق بولماي قالىدۇ.

      ساۋاقداش، ئەگەر سىزگە بىر ئانىنىڭ ئۇخلاپ قالغان قىزىغا يۇتقان يېپىپ قويۇۋاتقانلىقى سىزىلغان بىر پارچە رەسىمنى بېرىپ، شۇ رەسىم ئاساسىدا «كۆيۈمچان ئانا» دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىڭ دەپ تاپشۇرۇق بېرىلسە، بۇ ماقالىنى قانداق يازىسىز؟ بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۆيۈمچان بىر ئانىنى، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ كۆيۈمچان ئانىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، چوڭقۇر تەسىرات ھەم ھېسسىياتقا ئىگە بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقمۇ؟ رەسىملەرنى مانا مۇشۇنداق جانلىق ئوبرازلارغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا، رەسىم مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتقىلى، جانلاندۇرغىلى ۋە زور دەرىجىدىكى يېزىقچىلىق ماتېرىياللىرىغا، مول ئىلھام ھەم تەسىراتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ رەسىمگە قاراپ بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى يېزىشتا بۇ خىل تەسەۋۋۇر تېخىمۇ مۇھىم.

      (3) رەسىم ئاساسىدىكى باغلانما تەسەۋۋۇر ۋە قىياسلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان، ئەمەلىي ئاساسى بولمىغان قۇرۇق خام خىياللارنى تەسەۋۋۇرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. رەسىم مەزمۇنى پەقەت ئەمەلىيەتكە ماس ھالدىكى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق تولۇقلاشقا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ خالىغانچە قوشۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا، رەسىم مەزمۇنىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ.

     

(ئۆرنەك)

ئەۋرىشكە يىغىش

 سابائەتقىز تۇرسۇن

 

      بۈگۈن بىز ئوتتۇرا ئەترەت 2 – گۇرۇپپىدىكى بارلىق ساۋاقداشلار ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغىش ئۈچۈن دالىغا چىقتۇق. ساۋاقداشلار خۇشاللىقتىن كۈلۈشەتتى، ناخشا ئېيتىشاتتى، سەكرىشەتتى. كەڭرى دالا ياپ – يېشىل تون كىيگەن بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل ئىدى. مەيىن شامالدا يېنىك يەلپۈنۈپ تۇرغان يۇمران ئوت – چۆپلەر، رەڭگارەڭ دالا گۈللىرى بىزەە چەكسىز شادلىق بېغىشلايتتى، ساۋاقداشلار ھايالسىزلا بۇ يېڭى دۇنيا قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، تەرەپ – تەرەپكە تارالدى.

     ۋاي – ۋۇي، بۇ يەردە مەن كۆرمىگەن ئوت – چۆپلەر نېمە دېگەن كۆپ – ھە! ھەربىر ئۆسۈملۈككە قىزىقىش بىلەن قارايتتىم، ئۇلارنى سىلاپ باقاتتىم، گۈل – چېچەكلەرنى پۇراپ كۆرەتتىم. شۇ ئەسنادا ياسىۋالغان تورنى كۆتۈرۈپ، يېنىك قەدەملەر بىلەن كېپىنەككە يېقىنلاشتىم. كۈتۈلمىگەندە، تېخىمۇ چىرايلىق بىر كېپىنەك گۈللەر ئارىسىدىن چىقىپ قالدى. مەن تاقەتسىزلىك بىلەن تورنى ئۇنىڭغا قارىتىپ شىلتىدىم. ئەمما، كېپىنەك تورغا چۈشمەستىن، يەرگە چۈشكەنىدى. مەن ئۆزۈمنى ئوڭشاپ تۇتۇشقا تەمشىلىپ بولغۇچە ئۇ يەنە ئۇچۇپ كەتتى. مەن ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ مىڭ بىر تەسلىكتە تورۇمغا كىرگۈزۈۋالدىم. خۇشاللىقتىن: ‹‹مەن بىر كېپىنەك تۇتۇۋالدىم!›› دەپ سەكرەپ كەتتىم.

     مېنىڭ ئارقا تەرىپىمدىن يۈسۈپجاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ سول قولىدا ئەۋرىشكە رامكىسىنى، ئوڭ قولىدا بولسا ئاپئاق ئېچىلغان بىر تۈپ گۈلنىڭ يېنىدىكى يېشىل يوپۇرماقلىق بىر ئۆسۈملۈكنى تۇتقان ھالدا: ‹‹قاراڭلار، بۇ قانداق يوپۇرماقتۇ!›› دەپ توۋلايتتى. ‹‹قارا سابائەت، بۇ بىز پەقەت كۆرۈپ باقمىغان يوپۇرماقكەن – ھە!›› ئۇ بىر تەرەپتىن، سۆزلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن، يوپۇرماقلارنى ئاۋايلاپ ئېلىپ، ئەۋرىشكە يىغىش رامكىسىغا تىزماقتا ئىدى.

      يۈسۈپجاننىڭ ئارقىسىدىكى ئاينۇر ھەدەپ بىر ھاشارات بىلەن ھەپىلەشمەكتە ئىدى. ئۇ بەللىرىنى ئەگكەن، ئىككى قولىنى تەڭ ئىشقا سالغان ھالدا يوپۇرماق ئۈستىدىكى بىر كىچىكى ھاشاراتنى تۇتماقچى بولۇۋاتاتتى. قالتىسقۇ، ئۇ ھايالسىزلا ھاشاراتنى تۇتۇۋالدى ۋە خۇشال بولغان ھالدا: ‹‹مەنمۇ ئەۋرىشكە تاپتىم!›› دەپ سەكرەپ كەتتى.

      بۇ ۋاقىتتا يىراقلارغا تارقىلىپ كەتكەن ساۋاقداشلارمۇ بىز كۆرۈپمۇ باقمىغان، ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان ئەۋرىشكىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ قايتىپ كەلدى. بۈگۈن ھەربىرىمىز ئاز بولمىغان ئەۋرىشكىلەرگە ئىگە بولغان ئىدۇق. شۇڭا خۇشاللىقتىن قېن – قېنىمىزغا پاتماي قېلىشقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىز نېمە دېگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت – ھە!

(باھا)

     ساۋاقداشلار، بۇ ماقالە ھەقىقەتەن جانلىق ھەم ئوبرازلىق ھالدا رەسىم مەزمۇنىنى ناھايىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شۇنداقمۇ؟ بۇ كىچىك ئاپتور رەسىمنى تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ماقالىسىنى تەپسىيلىيلىك بىلەن ئىخچاملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغان، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرگەن ھالدا يېزىپ چىققان. ئاۋۋال دالىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى قىسقىچىلا تەسۋىرلەپ، ئاندىن ئادەمنى يېزىشقا ئۆتكەن ۋە ئادەمنى يېزىشقا ئۆتكەن ۋە ئادەمنى تەپسىلىي، كونكرېت يازغان، شەخسلەرنىڭ ھەرىكەت – پائالىيىتىنى يىراقتىن يېقىنغا ئۆتۈش تەرتىپى بويىچە تەرتىپلىك يېزىش بىلەن بىرگە «ئەۋرىشكە يىغىش»نى تەكىتلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا ماقالىنىڭ مەزمۇنى ماۋزۇ بىلەن ناھايىتى زىچ ماسلاشقان. يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتور ماقالىگە ئۆزىنى قوشۇپ يازغان بولغاچقا ئىش – ھەرىكەتلەر تېخىمۇ تەبىئىي ھەم تېخىمۇ ئەمەلىي تۈسكە كىرىپ، ماقالىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچى يەنىمۇ ئاشقان.

    

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر