باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت بىلىمىدىن سۇئال جاۋاپلار

      سوئال: 2011 – يىلى دۆلىتىمىزنىڭ 12 – بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويغان تۇنجى يىلى، شۇنداقلا ‹‹دۆلىتىمىز ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسى›› نى يولغا قويغان تۇنجى يىل، مائارىپ ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئەترەت خىزمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۇنداق بولسا يېڭى بىر يىلدا ئەترەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىكىر يولى قانداق بولىدۇ؟

      جاۋاپ: 2011 – يىلى ئەترەت خىزمىتىنىڭ پىكىر يولى مۇنداق: پارتىيەنىڭ 17 – نۆۋەتلىك 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 16 – نۆۋەتلىك 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، مەملىكەتلىك 6 – قېتىملىق پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى ئەترەت تەشكىلىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تەشكىلىي تەۋەلىكنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش، ئەترەتنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ پەنلىرىنى بەرپا قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ قاتلاملار بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزگە بولغان ساددا ھېسسىياتىنى تەدرىجىي يېتىلدۇرۇش؛ ئالىي مەكتەپتىكى پەنلەر بويىچە تەربىيەلەش بىلەن ئەترەت خىزمەت ئورنى ئۇنۋانىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى بىلەن ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ ئىتتىپاق بىلەن مائارىپنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پەن ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى ۋە تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ خىزمەتلەرنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق ئەترەت خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر