باش بەت | پىسخىكا

مىجەز ــ خاراكتېر ۋە ساغلاملىق

      غېرىبلىق ــ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

      بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار تەنھالىق ھېس قىلسا، ئۇلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ مۇناسىپ ئاشىدىكەن. ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، تەكشۈرۈلگەن كىشىلەر ئىچىدە زىيادە غېرىبلىق ھېس قىلىدىغانلارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندىكى سان، غېرىبلىق ھېس قىلمايدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. بۇ يېڭى تەتقىقات، غېرىبلىقنى ئازايتقاندا كىشىلەردىكى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولىدىكەن.

      ھاياجانلىنىش ــ ئاسانلا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. فىنلاندىيە كەسپىي ساغلاملىق ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىش ئارقىلىق، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

       زىيادە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتى.

      كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئىلگىرى زىيادە ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇنداق كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمى ئاز بولغاچقا، ئۇلار ئورگانىك كېسەل ئۆزگىرىشى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە ئازراق گىرىپتار بولىدىكەن. ئەمما كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. لېكىن، شاد – خورام يۈرىدىغان ئۈمىدۋار كىشىلەر تۇرمۇشتىكى خېيىم – خەتەرلەرنى بەك تۆۋەن مۆلچەرلىگەچكە، تاساددىپىي ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە ئاجىزلىق قىلىدىكەن.

      ئوچۇق – يورۇق كىشىلەر ئاسان سەمىرىپ كېتىدىكەن.

      ئىتالىيە مىلان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئوچۇق – يورۇق كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن تۆۋەن بولىدىكەن. ئاسان يۇقۇملىنىپ قالمايدىكەن، كېسەل بولغاندىن كېيىن ساقىيىشىمۇ تېز بولىدىكەن. ئەمما بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن.

      بىتاقەتلىك بىلەن قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇش مۇناسىۋەتلىك.

      بىتاقەتلىك يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۈچ ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. ئامېرىكا شىمالى ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق بولۇش سېزىمچانلىق گورمونى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئېگىزلىكتىن قورقۇش قاتارلىق بىتاقەتلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قاندا ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

      قايغۇ – ھەسرەت بىلەن كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتى.

      قايغۇرۇپلا يۈرىدىغان كىشىلەردە ئاسانلا ھېسسىيات مەسىلىسى كۆرۈلىدىكەن. ئەمما ئۇلار ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋالالمايدىكەن، شۇ سەۋەپتىن ئاسانلا راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، قايغۇرۇش خاراكتېرىدىكى كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

      ئۈمىدسىز كىشىلەر ئاسانلا پاكىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.

      بۇنداق مىجەز ئەزەلدىن سالامەتلىككە پايدىسىز دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۈمىدۋار كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. ئامېرىكىدىكى تەتقىقىاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بۇنداق كىشىلەر كېيىنچە ئاسانلا پاكىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.

 

مەنبە: ئانا دىيار تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر